UYNTV

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشىنكۇ بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-06-2018 10:55

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چىڭداۋدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشىنكۇ بىلەن كۆرۈشتى.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىزنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىڭداۋغا كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. بىز مۇشۇ يىللاردىن بېرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا دەل ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتۇق. مەن زۇڭتۇڭ لۇكاشىنكو بىلەن بۇ خىل قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاشنى خالايمەن.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھەمكارلىق مېۋىسىدىن كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر قانچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلىشىش ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سودىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ھەمكارلىق تۈرلىرىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، خادىملار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر رايوندىكى دۆلەت ۋە خەلقلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشىنى قوللايدۇ.

 

لۇكاشىنكۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدىكى سەرخىل مەزمۇنلار ۋە جۇڭگونىڭ يىغىن جەريانىدا گەۋدىلەندۈرگەن باراۋەر ۋە دېموكراتىك روھنىڭ كىشىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگو ياخشى شېرىك شۇنداقلا ياخشى دوست، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ مەسىلىلەردە ئىزچىل بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى. بېلارۇسىيە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ شۇنداقلا ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

 

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.