UYNTV

مۇھىت قانۇنى ئىجراسى سالمىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-06-2018 17:44

A-A+

ئاپتونوم رايون مۇھىت قانۇنى ئىجراسى خىزمىتى يىغىنى ۋە مۇھىت قانۇنى ئىجراسى چوڭ مەشىق پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى مۇھىت قانۇنى ئىجراسى خىزمىتى يىغىنى ۋە مۇھىت قانۇنى ئىجراسى چوڭ مەشىق پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇھىت قانۇنى ئىجراسى مۇھىت باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، مۇھىت قانۇنى ئىجراسى چوڭ مەشىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى چوڭ مەشىق پائالىيىتى ئارقىلىق مۇھىت قانۇنى ئىجراسى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ‹‹ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى، يەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تۈزىتىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مۇھىت قانۇنى ئىجراسى چوڭ مەشىق پائالىيىتىنى ‹‹پۈتۈن خىزمەتچى، پۈتۈن يىل، پۈتۈن جەريان›› تەلىپى بويىچە قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشتىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مۇھىت ئاسراشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. ‹‹مۇھىت ئاسراش قانۇنى››نىڭ يانداش چارىسىنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

   يىغىندا يەنە 2017 – يىللىق مۇھىت قانۇنى ئىجراسى چوڭ مەشىق پائالىيىتىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 2017 – يىللىق مۇھىت قانۇنى ئىجراسى چوڭ مەشىق پائالىيىتىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر تەجرىبە ئالماشتۇردى.
 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

ئۈچ تارماق بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار دۆلەت ..06-08

گوۋۇيۈەن: مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىي..06-07

ئۈچ جاينىڭ رەھبىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سۆزلىشىشكە چاق..06-07

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇھىت بۇلغاش جىناي..06-07

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك..06-06

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك..06-06

لى كېچياڭ: «ئالاقە تورى +» بىلەن خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە تېخىمۇ ..06-06

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى..06-06

ئۈچ تارماق بىرلىكتە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇ..06-06

ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، شياڭ..06-05