UYNTV

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2018 17:13

A-A+

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 11-ئىيۇن شىمالىي ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى ھەربىي مەشىق ماھارەت سىنىشىشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلايمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ يىل بويى چوڭقۇر دېڭىز-ئوكياندا كۈرەش قىلىۋاتقان چۆكمە پاراخوت ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ قىسىمغا يېتىپ كېلىپلا چۆكمە پاراخوتقا چىقىپ، تار چىقىش-چۈشۈش ئېغىزىدىن ئاستىنقى بۆلمىگە چۈشۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، پاراخوت خادىملىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇرۇپ، كۈچلۈك ئىلھام بەردى.

دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم چۆكمە پاراخوت بازىسىنىڭ كاپىتانى چيەن شۇمىن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ چۆكمە پاراخوتىمىزنىڭ چىقىش-چۈشۈش ئېغىزى بەك كىچىك، شوتىسى ئىنتايىن تىك، ئۆتۈش يولىمۇ بىرقەدەر تار، ئادەتتە ئۆزىمىزنىڭ كىرىپ چىقىشىمىزمۇ بەك قولايلىق ئەمەس. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاپادىن باش تارتماي، ئاستىنقى بۆلمىگە چۈشۈپ، بىزنى يوقلىغانلىقىدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق ھەم تولىمۇ تەسىرلەندۇق. رەئىس شى جىنپىڭ چۆكمە پاراخوت ئۈستىدە تۇرۇپ بەك ئەستايىدىل كۆردى، بەك تەپسىلىي سورىدى شۇنداقلا كۆپچىلىكنى قوللىرىدىكى جابدۇقلارنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئىش ئورنىمىزدا تۇرۇپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش قوبۇل قىلىش-بىز ئۈچۈن چەكسىز مۇقەددەس ھەم چەكسىز شەرەپلىك ئىش. بىز رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىلھام ۋە تۈرتكىگە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.

باش قوماندان ئەسكەرلەرگە غەمخورلۇق قىلدى ھەم ئىلھاملاندۇردى. سونار ئاڭلاش مەشىق ئۆيىدە، رەئىس شى جىنپىڭ نەق مەيداندا سوئال چىقىرىپ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن ئىمتىھان ئالدى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋاب بەرگەنلىكىنى ماختىدى.

دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم چۆكمە پاراخوت بازىسىنىڭ سونارچىسى جياڭ جىنلياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنى كۆرگەندە مەن ناھايىتى جىددىيلەشتىم ھەم بەك ھاياجانلاندىم، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزنى يوقلاپ كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى سوئال چىقىرىپ بىزدىن ئىمتىھان ئېلىشىنى تېخىمۇ ئويلىمىغان ئىدۇق، رەئىس شى جىنپىڭ مەن بەرگەن جاۋابنىڭ ئۆلچەملىك، توغرا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ماڭا باش بارمىقىنى چىقاردى، ئاددىي ماتروس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىشىم مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك شەرەپ. بىز داۋاملىق جاپالىق مەشىق قىلىپ، ماھارىتىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىدىغان ياخشى جەڭچى بولۇشقا تېرىشىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئورنىدا مەھكەم تۇرۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچلۈك كوللېكتىپ قۇرۇپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى مەلۇم بىرىگادىسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى يۈ جياڭخۇي مۇنداق دېدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى ئەۋلاد ھەربىي مەشىق نىزامى ۋە ھەربىي مەشىق پىروگراممىسىدىكى تەلەپ بويىچە، مەشىقنىڭ سىجىللىقى، قىيىنلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى چەكتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەتەرلىك تۈرلەرنى پۇختا، ئۇرۇش ئامىللىرىنى تولۇق مەشىق قىلىپ، قوماندانلىق ماھارىتىنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكۈزىمىز.

ئىككى كۈندىن بۇيان، مەشىقنىڭ 1-سېپىدىن قارلىق ئېگىزلىككىچە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تېلېۋىزور، تور ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى ھەم ئۆگىنىش، مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشتىن ئۇرغۇپ چىققان قىزغىنلىقنى ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىرادە باغلىدى.

شىزاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم بىرىگادىسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى دۇڭ فېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىغانلىقى ۋە ھال سورىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇق، رەئىسنىڭ مۇھىم سۆزى شىزاڭ چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بىزگە ئوخشاش ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى داۋاملىق پۇختا قانات يايدۇرۇشىمىزنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى ھەم يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

73-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە مەلۇم بىرىگادىسى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لو جاۋياڭ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەر بىر مەشىققىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى ھەر بىر مەشىق ھالقىسىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى ھەربىي ماھارەت سىنىشىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان مۇقەددەس بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.