UYNTV

يەمەن ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلاشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 20-06-2018 23:40

A-A+

سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى يېقىندا يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە يەمەننىڭ مۇھىم پۇرت شەھىرى ھۇدەيداھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن يەمەن ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلاشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى مارتېن. گىرىففىت 16 -ئىيون يەمەننىڭ پايتەختى ساناغا يېتىپ بېرىپ ، يەمەننىڭ پورت شەھىرى ھۇدەيداھدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش توغرىسىدا قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن كېڭەشتى. بۇ، گرىففىتنىڭ 18 -ئىيۇنغىچە بولغان ئىككى ھەپتە ئىچىدە يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى ۋەكىلى ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى قېتىم ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىشى بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئىلگىرىلەش بولمىدى . سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 16-ئىيون ھۇدەيداھ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى قايتۇرۇۋالدى،ئارقىدىنلا ھۇدەيداھ ئەتراپتىكى رايونغا بولغان كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ھۇدەيداھ پورتى يەمەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش لىنىيەسى بولغاچقا ، ئۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلانما جەڭگە ئايلىنىپ قالسا ، شەھەر ئىچىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئاھالە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنكەن . 13-ئىيون ، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن ھۇدەيداھنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن « ئالتۇن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى » . كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى ھۇدەيداھ شەھىرىدىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى تۇرۇشلۇق ئورنىغا نەچچە ئون قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى . يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11 -ئىيون مۇنداق دېدى : ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۇدەيداھ ئۆلكىسىدە قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 250 نەپەر ئادىمىنى ئۆلتۈردى . تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۇدەيداھ ئۇرۇشى يەمەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئىككى تەرەپ بۇنىڭدا جەزمەن ھايات ماماتلىق جېڭىنى قانات يايدۇرىدۇ . گەرچە كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى ھازىر جەڭ مەيدانىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق ھۇدەيداھنى ئىگىلىشى ئاسان ئىش ئەمەس . ھۇدەيداھ يەمەننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ، قىزىل دېڭىز بويىدا بولۇپ ، يەمەننىڭ مۇھىم پورتى ، شەرقتە پايتەخت ساناغا 150 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ . 2015-يىلى10-ئايدا، قۇسەي قوراللىقلىرى سانانى ئىشغال قىلىپ ئۇچ ھەپتىدىن كىيىن، ھۇدەيداھنى ئىشغال قىلدى . بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ، قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوننى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشتىكى بىردىنبىر يول ، شۇنداقلا يەمەننىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى يېمەكلىك ۋە ئاساسىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم كىرىش ئېغىزى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2017 - يىلى يەمەننىڭ % 61 ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكى ھۇدەيداھ پورتى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگەن . بۇ سان نۆۋەتتە % 70 كە يېقىنلاشقان . ئۇندىن باشقا، ھۇدەيداھ پورتى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگەن بۇغداي يەمەننىڭ ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاز دېگەندە % 75نى ئىگىلىگەن . ئالتۇن ھەربىي ھەرىكىتى باشلىنىشىدىن بۇرۇن ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى : ئۇرۇش ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىراق كۆپ دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرەپ ، ھەربىي ھەرىكەت خۇددى سىرتنىڭ مۆلچەرىدەك ئېچىنىشلىق بولمىدى ،ئالاقىدار ئىنسانپەرۋەرلىك ئەندىشىسى ھەرگىزمۇ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇدەيداھ پورتىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ تولۇقلىما ئالدىغان باھانىسىغا ئايلانماسلىقى كېرەك دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە: نۆۋەتتە ھۇدەيداھ شەھەر سىرتىدا تەخمىنەن 600 مىڭ پۇقرا بار بولۇپ، يەمەندە نوپۇسى ئەڭ زىچ رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن ؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسەن ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان بالىلار 300 مىڭغا يېتىدىكەن.گىرىففىت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۇدەيداھ ۋەزىيىتى كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدۇ : ھەربىي توقۇنۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن كەسكىنلەشسە،ھېلىمۇ ئىنتايىن جىددىي بولۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ ، ھەتتا ئىككى تەرەپنىڭ قايتىدىن سىياسىي سۆھبەت ئىلىپ بېرىپ، سىغدۇرۇشچان سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . گىرىففىت ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، تىنچلىققا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى مۇنداق دېدى: ھۇدەيداھ رايونىنىڭ سۇ ئېلېكتىر تورى پۇقرالارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ، بۇ ئەسلىھەلەر ھازىر ئۇرۇش ئوتىنىڭ ۋەيران قىلىشىغا يولۇقتى. يەمەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيادا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە يولۇقتى. بۈگۈنگە قەدەر، يەمەن ئىچكى ئۇرۇشى 200 نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ؛ ۋابا، بوغما كېسىلى يۇقۇم ئەھۋالى بىر مەھەل يەمەندە تارقالدى ، ھۇدەيداھدا كېسەل بولۇپ قالغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى؛ %70 نوپۇس ، بولۇپمۇ بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش قىيىنچىلىق كېلىپ چىقتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، كۆپ دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ، ھۇدەيداھ پورتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، چاقماق ئۇرۇشى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھۇدەيداھنى قولغا كەلتۈرۈپ ھۇدايدا پورتىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى كۈچىيىپ ، كۆپ دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى غايەت زور خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار