UYNTV

بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىغا جۇڭگو كوماندىسى قاتنىشالمىدى، لېكىن جۇڭگو ئامىلى ھەرگىزمۇ كەمچىل ئەمەس

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-06-2018 16:39

A-A+

بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى جۇڭگو كوماندىسى يەنىلا قاتنىشالمىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بولدى، لېكىن جۇڭگو ئامىلى ھەرگىزمۇ كەمچىل ئەمەس.

توپ مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ئېلان تاختىسىدا جۇڭگونىڭ بىر قانچە كارخانىسىنىڭ ئىسمى ۋە ئېلان سۆزى توختىماي ئالمىشىپ چىقىپ تۇراتتى، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان خەنزۇچە خەتلەر بەي يەنسۇڭنىڭ «جۇڭگو كوماندىسىدىن باشقا، جۇڭگونىڭ بارلىق ئامىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى» دېگەن سۆزىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى، بۇ ھەم دۇنياغا «دۇنيا لوڭقىسىدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى سەھنىدە، جۇڭگو پەقەت مېھمانلا ئەمەس» دەپ جاكارلىدى.

بۇ يىلقى رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەرىكىسىگە ئايلاندى. 10 نەچچە ياردەم بەرگەن سودىگەر ئىچىدە، جۇڭگو كارخانىسى 7 ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۈچ ياردەم بېرىش دەرىجىسىنى قاپلىدى، ۋەندە، خەيشىن، ۋىۋو، مىڭنيۇ، يادى، دىپەي قاتارلىقلار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ياردەم بېرىش رېكورتىنى ياراتتى.

جۇڭگو كارخانىلىرى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېڭى تىللا دەرىخىگە ئايلاندى. بازار ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى چىقىمى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 835 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، ساھىبخان رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ 64 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

تارىخنى ئەسلىسەك شۇنى بايقايمىزكى، ئىلگىرى ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە كارخانىلىرى دۇنيا لوڭقىسى قاتارلىق خەلقئارادىكى ئەڭ نوچى تەنھەرىكەت مەرىكىلىرىگە ياردەم بېرىش ئورنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ تۇراتتى، ئەمما بۇ قېتىم بۇ خىل ئەھۋال بۇزۇپ تاشلاندى.

ئەلۋەتتە، جۇڭگو كارخانىلىرى بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىغا پۇلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تۆھپە قوشتى، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئىشلىتىدىغان پۇتبول، قۇت بۇيۇملىرى، خاتىرە پۇلى قاتارلىق مەھسۇلاتلار جۇڭگودا ئىشلەندى، ھەتتە 100 مىڭ راك رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسىدە توپ تىپىدىغان چەتئەللىك ماھىرلار، جۇڭگولۇق توپ بالىلىرى، بايراق قوغدىغۇچىلىرى رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانلىرىدا نامايەن بولدى.

ئەنگلىيە قوغدىنىش گېزىتىنىڭ بىر ماقالىسىدە: بۇ يىل يازدا دۇنيا لوڭقىسىغا بارغان توپ مەستانىلىرى جۇڭگونىڭ تېلېۋىزورىنى كۆرىدۇ، يانفونىنى ئىشلىتىدۇ، جۇڭگونىڭ توك ماشىنىلىرىدا ئولتۇرىدۇ ھەتتا جۇڭگونىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ، دېگەن ئىدى.

شەك-شۈبھىسىزكى، جۇڭگو ئامىلى رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنى چاقنىتىۋەتتى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مۇشۇنداق بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدا سۇبيېكتىپ ئارزۇ، ئىچكى ئىقتىدار، تاشقى شارائىتلارنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

دۇنيا لوڭقىسى ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىپ، ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا بازارنى ئېچىش جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن كۈتىدىغان بىردىن-بىر ئۈمىدى.

ۋاندا تەنتەربىيە پاي كونتروللۇق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ شياڭلىن مۇنداق دېدى: پۈتكۈل خەلقئارا تەنتەربىيەگە ياردەم بېرىش بازىرىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن جۇڭگو ئامىلى، جۇڭگو كارخانىسى دۇنيادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەنھەرىكەت سەھنىسىگە كىرمەكتە. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىقتىدارىنى، مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىگە بولغان ئېھتىياجىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بېيجىڭ داشۆسى جۇڭگو تەنتەربىيە كەسپى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى خې ۋىنيى مۇنداق دېدى: دۇنيا لوڭقىسى تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان كاتتا مەرىكە، ئىنتايىن يۇقىرى ئېلان ۋە ئۇلاپ تارقىتىش قىممىتى ئىگە بولۇپ، دۇنياغا تەشۋىق قىلىدىغان چوڭ سەھنە، ماركىنى دۇنيادىكى نەچچە مىليارد كۆرۈرمەنگە نامايەن قىلىپ، كارخانىغا ناھايىتى ياخشى ماركا ئۈنۈمى يارىتىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرى دۇنياغا يۈزلەنمەكچى بولسا، مۇشۇنداق ئالىي دەرىجىلىك خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ماركىسىنى تارقىتىشى ناھايىتى ياخشى تاللاش.

جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدە خاھىشتىن باشقا يەنە ئىقتىدارمۇ بار. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم ئىقتىدارلىق جۇڭگو كارخانىلىرى بارلىققا كېلىپ يېتىلدى. 2017-يىلدىكى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە، جۇڭگو كارخانىلىرى 115 ئورۇننى ئىگەللىدى، بۇ سان ئۇدا 14 يىل ئاشتى.

تاشقى شارائىتتىن قارىغاندا، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، قىسمەن كونا ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر چېكىنىپ چىقتى، ئەنئەنىۋى ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

خې ۋىنيى مۇنداق دېدى: قىسمەن چوڭ ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر سەل پۇتاقچى كېلىدۇ، ئۇلار ماركا ئوبرازىنى ئويلىشىپ چېكىنىشنى تاللىدى، لېكىن باھا مەسىلىسى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىممەت باھانى قوبۇل قىلالىشىدىكى سەۋەب، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئارقىسىدا جۇڭگونىڭ زور بازىرى ئۇلارنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى قوللاپ تۇرىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرى دۇنياغا يۈزلىنىش ئۈچۈن بۇ سەھنىگە ئېھتىياج بولىدۇ، شۇڭا بۇ تارىخىي ئاچا يولدا بۇ خىل تارىخىي تاللاشنى چىقاردى.

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو: خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ يەرشارى تەرەققىيات پىلانىدا، جۇڭگو ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە سودا ئەمەلدارى فىلىپ: جۇڭگو خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد توپ مەستانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش مۇساپىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ شاھىتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ كارتىنىسى.

1978-يىلى ساھىبخان ئارگېنتىنا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان، يىراقتىكى شەرقتە، جۇڭگو ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش گۈدۈكىنى ياڭرىتىپ، دۇنياغا دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتكەن، شۇ ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيانىڭ ئاران %1.8نى ئىگەللەيتتى.

2010-يىلىدىكى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا، جۇڭگونىڭ ياردەم بەرگۈچى سودىگىرى تۇنجى قېتىم نامايەن بولدى، جۇڭگو يىڭلى دېگەن خەتلەر مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولغاندا، ھەممىمىز ھاياجانغا چۆمگەن. شۇ يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ياپونىيەدىن ئېچىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىساد گەۋدىسىگە ئايلاندى.

دۇنيا لوڭقىسى پەقەتلا پۇتبول مۇسابىقىسى بولماستىن يەنە ئىقتىساد جەھەتتە سىنىشىش مەيدانى. خې ۋىنيى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا مۇقىم ۋە يارقىن، جۇڭگودا 400 مىليوندىن كۆپرەك ئوتتۇرھال كىرىملىكلەر بار بولدى، پۇتبول مەستانىلىرى ۋە ئىستېمالنىڭ كۆپىيىشى، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.