UYNTV

ئىراننىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ رەت قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-06-2018 16:40

A-A+

ئىراننىڭ ئارمىيە دائىرىلىرى ۋە ھۆكۈمەت يۇقىرى قاتلىمى 19-ئىيۇن ئامېرىكا «ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم»دىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى قاتمال ۋەزىيەت توغرىسىدا كەينى-كەينىدىن ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ نۆۋەتتە قويۇپ بېرىلىش مۇساپىسى ئىككى مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشى ھاجەتسىز؛ ھۆكۈمەت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلەشمەيدۇ؛ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى قۇتقۇزۇۋېلىش تەسەۋۋۇرلىرى ئىرانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسىمىنىڭ باش قوماندانى مۇھەممەد ئەلى جاففارى 19-ئىيۇن تاسنىم ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مۇساپىسىنى ئاشۇرىدىغان پەن -تەتقىقات ئىقتىدارىمىز بار، ئەمما، بۇ بىزنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىمىز ئەمەس، چۈنكى دۈشمەننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئىككى مىڭ كىلومېتىر قويۇپ بېرىش دائىرىسىدە. قويۇپ بېرىلىش مۇساپىسى ئىككى مىڭ كىلومېتىرلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىراننى قوغداشقا يېتەرلىك.

2015-يىلى 7-ئايدا ئىران ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، گېرمانىيە بىلەن يادرو تۈرى تالاش-تارتىشىنى پەسەيتىش ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىران يادرو تۈرىنى چەكلەش توغرىسىدا ۋەدە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننى جازالاشنى بىكار قىلدى.

تىرامپ ھۆكۈمىتى 8-ماي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، كېلىشىم ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىنى چەكلىيەلمىدى، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو 21-ماي ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىنى شەرھلەپ، ئىرانغا «تارىختىكى ئەڭ ئېغىر جازا» يۈرگۈزىمىز، «مىسلى كۆرۈلمىگەن» پۇل-مۇئامىلە بېسىمى قىلىمىز، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىمىز، دەپ تەھدىت سېلىپ، ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى سىناق قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇرلاپ، ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى، ئىران ئىقتىسادىغا زەربە بەردى.

ئىرانمۇ قەتئىي ھالدا بىزنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىمىز بار، دۆلەت مۇداپىئە مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەيمىز، دېدى.

ئىراننىڭ 100چە سىياسىي پائالىيەتچىسى «ئىران دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى»غا بىرلىشىپ خەت يېزىپ، ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 1979-يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيانقى دۈشمەنلىشىشىنى پەسەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىران تاراتقۇلىرى 17-ئىيۇن بىرلىشىپ خەت يېزىش ئىشىنى خەۋەر قىلدى، بىراق خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىدى. خەتكە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى: ئەگەر «ئامېرىكا بىلەن تىرامپ لەۋزىدە تۇرسا»، ئىران سۆھبەتلىشىشكە تەييار، دېدى.

ئىران ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ مۇراجىئەتنامىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ۋە رايون تەسىر كۈچى توغرىسىدا تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىراننىڭ قىممەت قارىشىغا خىلاپ، دەپ ھېسابلىدى.

ئىران ئىسلام قوغدىنىش قىسمىنىڭ باش قوماندانى جاففارى 19-ئىيۇن ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقىغا: ھازىر كۆپچىلىككە ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئىراننى ھالاكەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقى مەلۇم، بىرلىشىپ ئىمزا قويۇش خېتى «دۈشمەنگە يول قويۇش يولىنى ئاچىدۇ»، دېدى.

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد باجىر نوباخت شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ سۆزلىشىشنى ئېتىراپ قىلىشى-جىدى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتىكى بىر خىل ۋاسىتە، ئەمما تىرامپ بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى يوق، ئەلرايىمۇ بۇنى قارشى ئالمايدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى «ھازىر ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىۋاتىدۇ»، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چەتئەللەردە ياراشتۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.

ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئىمزالىغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل ئىراننىڭ داۋاملىق يېتەرلىك ئىقتىسادى پايدىغا ئېرىشىشىكە كاپالەتلىك قىلىمىز، دەپ ئىراننى كېلىشىمدە قىلىشقا نەسىھەت قىلىپ كەلدى. ئىران: ۋاقتىنچە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە قېلىپ قالىدىغانلىقى ھەمدە كېلىشىمدىكى باشقا تەرەپلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەلى ئەكبەر سالىخ 19-ئىيۇن: ياۋروپا ئوتتۇرىغا قويغان تەسەۋۋۇر ئىراننى رازى قىلالمايدۇ، دېگەن. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتىرىس بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىراننىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

سالىخ ئەگەر ۋەزىيەت مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، ھەممەيلەن ئۇتتۇرىمىز، دېگەن.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار