UYNTV

ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىدىن چېكىنگەنلىكى يېتىم قېلىش يولىدا بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-06-2018 16:42

A-A+

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خېللى 19-ئىيۇن: ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم توپتىن چېكىنىشى.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم «توپتىن چېكىنىش» قارارى كۆپ خىل ئويلىشىش ئاساسىدا چىقىرىلدى. بۇ قارار تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى. بۇ ئامېرىكىنىڭ يېتىم قېلىش يولىدا بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

خېللى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە تاراتقۇلارغا: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشى ئىسرائىلىيەگە «ئۇزاق مۇددەت بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتا» بولۇپ كەلدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى بەش قارارنى ماقۇللىدى، بۇ خىل «نىسبەتسىز دىققەت قىلىش» بىلەن «تۈگىمىگەن دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيەسى» ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان «سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىك»نى گەۋدىلەندۈردى.

ئەمەلىيەتتە، خېللى ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندا، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە قارىتا «ئېچىنىشلىق ۋە غەلىتە» پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ ئۈمىدى بويىچە ئىسلاھ قىلمىسا ئامېرىكا «توپتىن چېكىنىدۇ» دەپ تەھدىت سالغان.

مەيداندىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيومۇ بۇ سۆزنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالمىدى» دېگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالى خادىمى زاھىد ھۈسەيىن ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا ئالغا قەدەم تاشلىشى كېرەك، ئەمما ھازىر ئۇ چېكىنىۋاتىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ تەدبىرى ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ماختىنىپ كېلىۋاتقان «دۇنيا دېموكراتىيە بايراقدارلىق» ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنە باياناتتا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى تەشكىلاتلارمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن ئەپسۇسلاندى. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى نۇرغۇن ساھەدە مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئەمما تىرامپ ھۆكۈمىتى «ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقىلا» كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئامېرىكا ساينىت ئەنسېلىم شۆيۈەنىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى كىرىستوف گاردېيې ئامېرىكىنىڭ «توپتىن چېكىنىشى» ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يەنىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنى تېخىمۇ يېتىم قالدۇرىدۇ، دەپ قارىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم «توپتىن چېكىنىشى» كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئەمەس، ئىسرائىلىيەنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىشىغا بولۇشۇشتەك ئاشكارا سەۋەبدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ «توپتىن چېكىنىشى» دە يەنە تۆۋەندىكىدەك چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلەرمۇ بار.

بىرىنچى، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئەمدى خالىغىنىچە ئىش قىلالمايدۇ، مەزكۇر ئاپپاراتقا بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى ئاشتى. ئامېرىكا ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى :«سىياسىي ئويۇن ئوينايدىغان، ساختا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قالدى»، سىياسىينى ئىدارە قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقنى تۈزەش سىستېمىسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقىغا تايىنىپ ۋەقە ئويدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللاندى، ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى بارغانسېرى كۆپ تەنقىد ۋە قارشىلىققا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى ئىرقى كەمسىتىش، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قانۇن ئىجراسى، جەمئىيەتتىكى ئادىلسىزلىق، بالىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتى قاتارلىق مەسىلىلەر تاشقى ساھەنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

ئىككىنچى، بۇ قېتىم «توپتىن چېكىنىش»نى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا دۇچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئەيىبلەشلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيىشكىمۇ بولمايدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 15-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ماينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان قىسقىغىنا بىر يېرىم ئاي ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى 2000 گە يېقىن بالىنى ئاتا ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋەتكەن، سەۋەب بۇ ئاتا ئانىلار قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرىمۇ بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە پىسەنت قىلمىدى دەپ ئەيىبلەندى.

ئۈچىنچى، تىرامپ ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن «ئامېرىكا ئەۋزەللىكى» سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئىزچىل سىغىشالماي كەلدى. گاردېيېلى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: تىرامپ ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا «سودا خاراكتېرى» ۋە ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان خەلقئارا تەشكىلاتقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.