UYNTV

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 25-06-2018 19:43

A-A+

s

مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى 22-ۋە 23-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مىللىي گۈللىنىش، ئىنسانلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسى لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل يەر شارى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تورىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا ئېلىمىز تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن خېيىم خەتەر ۋە سىناقلاردىن ئۆتتى، نۇرغۇن چوڭ كۈرەشلەردە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، نۇرغۇن چوڭ، قىيىن ئىشلارنى قىلدى، تارىخىي نەتىجىلەرنى ياراتتى، ئەمەلىيەت داۋامىدا بىز پايدىلىق تەجرىبە ۋە چوڭقۇر تەسىرات توپلىدۇق، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئومۇملۇقتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچتە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەۋرەنمەس كۈچىنى ساقلاشتا، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۆلەتنىڭ يادرولۇق، زور مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداشتا، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ۋە ئەخلاق،ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەتەر ئېڭىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بېرى بىز يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە بىر قاتار زور نەزەرىيەلەرنى يولغا قويۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، بۇنى تۆۋەندىكى ئون جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئىككىنچى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەجبۇرىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچىنچى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۆتىنچى، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنى نېگىز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، بەشىنچى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالتىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، يەتتىنچى، دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، سەككىزىنچى، ئادىل ھەققانىيلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، توققۇزىنچى، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى ئاخىرقى چەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، ئونىنچى، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى يارىتىش.

بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئىگىلەشتە، توغرا تارىخ قارىشى، ئومۇمىيەت قارىشى، رول قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. توغرا تارىخ قارىشىنى ئېلىپ ئېيتساق خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپلا قالماستىن، بەلكى تارىخىي دۇربۇن ئارقىلىق ئۆتمۈشنى ئەسلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى يەكۈنلەش، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك. توغرا ئومۇمىيەت قارىشىنى ئېلىپ ئېيتساق ھادىسە ۋە ئىنچىكە ئەھۋاللارنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپلا قالماستىن، بەلكى ماھىيەت ۋە ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ئاساسلىق زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى چىڭ تۇتۇش، تۈرلۈك-تۈمەن، كەينى-كەينىدىن ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا قالايمىقانلىق داۋامىدا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىشتىن، غولىنى تاشلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. توغرا رول قارىشىنى ئېلىپ ئېيتساق ھەر خىل خەلقئارا ھادىسىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى بۇنىڭ ئىچىگە قويۇش، مەسىلىلەرگە دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن قاراش، دۇنيا قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئورنى ۋە رولىنى ئېنىق بىلىش، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە فاڭجېنىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. نۆۋەتتە ئېلىمىز يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا، دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيانقى چوڭ ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئىككىسى ماس قەدەمدە گىرەلىشىپ كەتتى، ئۆزئارا توقۇنۇشماقتا. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشتە نۇرغۇن خەلقئارا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغىچە بولغان ۋاقىت-«ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانىيەت تارىخىغا قارايدىغان بولساق، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن خىلمۇ خىل زىددىيەتلەرنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى، ئۆزئارا رول ئوينىغانلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى. بىز دۇنيانىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ تاشقى مۇھىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلىشىمىز، تاشقى خىزمەتنى بىر تۇتاش پىلانلىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھەم دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ تېز ئىلگىرىلەش چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىش ۋەزىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. ھەم خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم خەلقئارا خەۋپسىزلىك خىرىسىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەم ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا سۈركىلىشىدەك رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاشقى خىزمەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پىلان تۈزۈش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدەپ، تاشقى خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەلگۈسى بەش يىلدا، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قاتار مۇھىم نۇقتىلار ۋە چوڭ پائالىيەتلەر بار. تاشقى خىزمەتتە بۇنى بەلگە قىلىش، بىر تۇتاش ئويلىنىش، پەلەمپەيسىمان ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ھەم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەم نۇرغۇن نۇقتىلاردا ئىش باشلاش، ھەم دەل جايىدا كۈچەش، ئۇنىۋېرسال ئىجابىي ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھىرلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، تەڭپۇڭ راۋاجلىنىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەتراپ مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ دوستانە، تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى تەبىئىي ئىتتىپاقداش قوشۇنى، توغرا مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۈچەش كېرەك. جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئەينەك قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىپلوماتىيە دۆلەت ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى بولۇپ، دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرولۇق ئاڭ، توغرىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تاشقى ئالاقە خىزمىتى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، ئارمىيە، يەرلىك، ئەل ئىچى قاتارلىق تەرەپلەر بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر بىرىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ؛ پارتىيە ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش،ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تاشقى خىزمەتتە زور دەرىجىدە ماسلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار فاڭجېن سىياسەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي يول بېكىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل. پارتىيە، دۆلەت، خەلققە سادىق، سىياسىدا قەتئىي، كەسىپكە پىشقان، ئىستىلى قاتتىق، ئىنتىزامى چىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش لازىم. ئىدىيەۋى ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئىشلار كادىرلار قوشۇنىنىڭ كەسپى ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق خادىملارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ غېمىنى تۈگىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تاشقى ئىشلار خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تاشقى ئىشلار خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىدىغان چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردە تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەشتىكى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردە تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېنىق ئىلگىرىلەش يولى كۆرسىتىپ بەردى ۋە تۈپ ئەمەل بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى كۆپ تەرەپتىن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تىرىشىش لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇش بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى بولدى. شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى زور نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيىتى، يېڭى دەۋر ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ تۈپ ئەمەلى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ يارىتىشىمىز لازىم.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزى كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە باش ئىشتاب بۆلۈمى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كارخانىلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، باش ئەلچىلىك ئۇنۋانغا ئىگە باش كونسۇللار، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىسىترلىقىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى.