UYNTV

شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 26-06-2018 21:22

A-A+

ې

مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى تورى خەۋىرى:

2018-يىللىق روسىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ھەممىنىڭ دېققەت-ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، 2017-،2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىمۇ قىزىپ كەتتى.

ې


2017-2018 يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى  23-مارت، گۇاڭدۇڭ جۇخەيدىن باشلىنىپ، 24-ئىيۇن چىڭخەي شىنىڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تۆت چوڭ مۇسابىقە رايونىدا 64 پۇتبول كوماندىسى جەمئىي 176مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 2018-يىللىق «ئادىداس»مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسنىڭ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 16 كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ چىقىلدى.


س


24-ئىيۇن، چۈشتىن كېيىن 16:30 دە شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسى چىڭخەي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى.مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركىشىپ 86 مىنۇت بولغاندا ، شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابلەت ئابلا ئادەم ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ 20-نومۇر ئىرپان ھاشىمنىڭ ئورنىغا 9-نومۇر ئەيساجان ئەركىن چىقتى


س


  مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ ئوتتورا مەيدان كوماندا ئەزالىرىنىڭ كۈچ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقا باشلىدى، يېڭى مەيدانغا چىققان 9-نومۇرلۇق ئەيساجان ئەركىن تېز سۈرەتتە بۆسۈپ ئۆتۈپ، جازا توپى مەيدانىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ تۆت ئەتراپنى ھاياجانغا سالدى.


س


 ئاخىرقى 2مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتتا 8-نومۇرلۇق ماھىر ۋۇلارىس ئاداربېك چەبدەسلىك بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ ۋارتاغا ناھايتتى تەمكىنلىك بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى.


س


 ئاخىرىدا، شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن غەربىي شىمال رايونىدىكى ئالدىنقى 4 كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىرىدى.


س