UYNTV

مېسسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى 100-توپنى كىرگۈزدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : نۇر تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 27-06-2018 19:12

A-A+

w

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 2:00دە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدا مېسسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى ھەمدە ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ 1:2 نەتىجە بىلەن نىگېرىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى.

سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مېسسى مۇسابىقىنىڭ 14-مىنۇتىدا ئوڭ پۇتى ئارقىلىق بۇ توپنى كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ توپ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزۈلگەن 100-توپ ئىكەن.

مېسسىنىڭ قالتىس ئىپادىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىمۇ 1:2 نەتىجە بىلەن نىگېرىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 16 كۈچلۈككە كىردى، ئۇلارنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى بولسا فرانسىيە كوماندىسى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مېسسىنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن كىرگۈزگەن 65-توپى بولۇپ، ئۇ 2016-يىلىلا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ بىرىنچى مەرگىنىگە ئايلانغان، ئۇ ھازىر بارا-بارا بۇ رېكورتنى چوڭايتماقتا.