UYNTV

ئامېرىكىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈچىلەرنى پەرزەنتلىرى بىلەن جەم قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 27-06-2018 17:47

A-A+

گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ < پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىش>نى توختاتقان بولسىمۇ بىراق بۇرۇن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن، چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەر ئىچىدىكى ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنى قانداق جەم قىلىش ھازىرغىچە تېخى ھەل قىلىنغىنى يوق. 23-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ كۆپ جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلىش تەدبىرى چىقىرىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

شۇ كۈنى، نامايىش كالىفورنىيە ئىشتاتى، تېكساس ئىشتاتى، فىلورىدا ئىشتاتى، نىيۇ-يورك شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن نۇرغۇنلىغان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرامپ چىقارغان مەمۇرىي بۇيرۇقتا ئۇلارنى جەم قىلىش دېگەن كۆرسەتمىمۇ يوق.

كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىغا يېقىن سانتىياگو شەھىرىدە بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كوچىغا چىقىپ قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈچىلەرنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم قىلىشنى قوللىدى. لوس-ئانژېلىستا، نۇرغۇن ئامما قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئويۇنچۇقلارنى سوۋغا قىلدى. تېكساس ئىشتاتىنىڭ ماككېلىن شەھىرىدە ئېتىرازچىلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بالىلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇسىنى قورشىۋېلىپ< بالىلارنى قۇيۇۋېتىڭلار> دەپ ۋارقىرىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېلدا ئاتالمىش كۆچمەنلەرگە قەتئىي يول قويماسلىق سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەزكۇر سىياسەتكە ئاساسەن، قۇرامىغا يەتكەن بارلىق قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈچىلەر قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ۋە شىكايەت قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئ‍ايرىۋېتىلىدۇ.

بۇ تەدبىر ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق قوللۇق، ئادىمىيلىكنى ئويلاشمىغانلىق، تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىك دەپ قارالدى ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك نارازىلىقنى قوزغىدى ۋە ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. قاتتىق بېسىم ئاستىدا تىرامپ 20-ئىيۇن بۇ سىياسەتنى توختاتتى. ئۇ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قەتئىي يول قويماسلىق سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ. بىراق بۇنىڭدىن كېيىن چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەر بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى بىللە تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇرۇنقىدەك باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ.

بىراق بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ ئۈنۈمى ئۇنچە تېز كۆرۈلمىدى، قانداق ئىجرا قىلىش ھەم بۇرۇن ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قانداق جەم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاق ساراينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنى پاتىپاراق قىلىۋەتتى.

ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى 23-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈچىلەرنى تېزرەك ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇنىڭدىن سىرت كۆچمەنلەر تارماقلىرى ئەمەلدارى بىز ھازىر 15 مىڭ كارىۋاتنى بۇ ئائىلىلىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، دېدى. بىراق سىرتتىكىلەر بۇ پىلاندا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى كۆردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تىرامپ ھۆكۈمىتىدىكى بىر ئالىي ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە 22-ئىيۇن كەچكىچە، قۇرامىغا يەتمىگەن 500 بالا قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈچى دەپ قارالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولغان. ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا قەتئىي يول قويماسلىق سىياسىتى بۇ يىل ئاپرېلدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، قۇرامىغا يەتمىگەن 2000دىن ئارتۇق بالا قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈچى دەپ قارالغان ھامىيسىدىن ئايرىۋېتىلگەن. بۇ مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ يەنىلا پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىرامپنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ئىزچىل قاتتىق تۇرۇپ كېلىۋاتقان مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. 23-ئىيۇن تىرامپ ناۋادا ئىشتاتى لاسۋېگاس شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يىغىلىشقا قاتناشقاندا < كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە بىز چوقۇم قاتتىق تۇرۇشىمىز كېرەك> دەپ تەكىتلىدى ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا < كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى> كۆتۈرۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.