UYNTV

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە يول قويۇلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 27-06-2018 18:10

A-A+

24-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق خان ئەزىم ماشىنا رولىنى چىڭ تۇتۇپ، قارا پىكاپنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتىكى تاخارىيا كوچىسىدا ھەيدىدى. شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئاياللار ھۆكۈمەتنىڭ ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان، ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدەپ يولغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان تۇنجى كۈننى كۈتۈۋالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر قەدەر ئېچىۋېتىلگەن دېڭىز بويىدىكى شەھىرى جىددە ۋە خۇباردا 24-ئىيۇن سائەت سىتىرىلكىسى ئەمدىلا نۆلدىن ئۆتۈشىگە تاقەت قىلىپ بولالمىغان سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بىر قىسىم ئاياللار دەرھال ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى. خان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەن ماشىنامنى ھەيدەپ ئىشقا بېرىپ كېلىمەن، ئەمدى شوپۇر ياللىمىساممۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا چىقىمنى تېجەپ قالىمەن،دادام، ئاكامنى ئانام ۋە مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا ئاۋارە قىلمىساقمۇ بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى شاھزادە ئارۋالىد 24-ئىيۇن سائەت 0دىن 10مىنۇتلار ئۆتكەندە قىزى لىم مەلىكە ھەيدىگەن ماشىنىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كوچا ئايلاندى. ئۇ ئارقىدىن يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان ۋىدىيوسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالماننىڭ ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىش قارارى-تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدىغان تۆھپە، دەپ ماختىدى. مەلىكە لىم ۋىدىيودا ئۆزى بىلەن بىللە سىرتقا چىققان قىزىغا: بۇ ئانىڭىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم ماشىنا ھەيدىشى، دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتناش باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: تۇنجى كۈنى ماشىنا ھەيدىگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن ئەتىگەندە خىزمەتكە بارىدىغانلار. بۈگۈن يول تەرتىپلىك بولدى، ئىلگىرى ئەنسىرىگەندەك ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى پىششىق بولماسلىق سەۋەبلىك قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قاتناش قالايمىقان بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى. ئايال شوپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتناش تارماقلىرى شەھەر ئاھالىسىگە يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ياكى يولدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېلان تاختىسىدا ئايال شوپۇرلارنىڭ يول بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇردى. شۇ يەردىكى بىر قىسىم ئورۇنلار ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى قوللاش ئۈچۈن يەنە ئالاھىدە ئايال شوپۇرلار ماشىنا توختىتىش ئورنى تەسىس قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ داشۆسىنىڭ سىياسىي پىروفېسسورى مۇھەممەد كاخاتانى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئاياللارنى تېخىمۇ ئەركىن مۇستەقىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئاياللارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %33كە يېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى-يولغا چىقىش قۇرالى كەمچىلكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئائىلىلەر ھەر يىلى 25 مىليارد دىنار خەجلەپ، بىر مىليون 380مىڭ چەتئەللىك شوپۇرنى ياللاپ ئىشلىتىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشى شۇ يەردىكى ئاياللارغا نۇرغۇن خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئايال ساقچىلارنى ئاشكارا قوبۇل قىلدى. قاتناش تارماقلىرى قاتناش ۋەقەسى مەسئۇلىيىتىنى نەق مەيداندا بېكىتىش ئايال خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەرلىك تور تاكسى شىركىتى 100مىڭ ئايال شوپۇر تەكلىپ قىلدى. ماشىنا سېتىش شىركەتلىرى ئايال ماشىنا ساتقۇچى تەكلىپ قىلدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى جىنسى پاراكەندىچىلىك قاتارلىق جەمئىيەت مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەننى سەۋەب قىلىپ، ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە قارشى تۇرغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتناش تارماقلىرى مۇشۇ سەۋەبلىك ئاياللارغا پىراۋا تارقىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد دادىسى پادىشاھ سالماننىڭ قوللىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلىرىدە دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بەردى. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 4-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتناش تارماقلىرى ئاياللارغا پىراۋا تارقىتىشنى باشلىدى.

ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش تۇيۇقسىز بولغانلىقتىن، ئاياللار شوپۇرلۇق مەكتىپى تېزلا قۇرۇلدى، رىياد بىلەن جىددە قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىلا ئاياللار شوپۇرلۇق مەكتىپى بار. ماشىنا ئۆگىنىدىغانلار تىزىملىنىش تور بېكىتىدە ماشىنا ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاياللار ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرق ئۆلكىسىنى مىسال قىلساق، نۆۋەتتە ئاران 50 ئايال 30 نەچچە سائەت ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ پىراۋىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۆلكىدىكى 8مىڭدىن ئارتۇق ئايال ماشىنا ئۆگىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.