UYNTV

لەنساڭجياڭ مېكون دەرياسى ھەمكارلىقى تايلاند بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-06-2018 15:20

A-A+

لەنساڭجياڭ -مېكون دەرياسى ھەمكارلىقى مېخانىزمى بەرپا قىلىنغان قىسقىغىنا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان،قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر دەريا ۋادىسىدىكى دۆلەتلەرگە تەڭ نەپ ئېلىپ كەلدى. تايلاند ئەمەلدارى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىۋاتقان لەنساڭجياڭ مېكون دەرياسى ھەمكارلىقى يېڭى مەزگىلدە تايلاند بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.

تايلاند دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بۇساد يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى دوست قوشنىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ دەريالىرى تۇتاش، مەدەنىيەت ئۆرپ ئادىتى يېقىن. جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم، جەمئىيىتى تىنچ، بۇنىڭدىن كېيىن تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى باغلاش، ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە زامانىۋى تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئەقلىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىقتىسادنى تىز راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، تايلاند 2012-يىلى لەنساڭجياڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو بۇنىڭغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇردى. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23- كۈنى لەنساڭجياڭ مېكون دەرياسى ھەمكارلىقى بويىچە تۇنجى رەھبەرلەر يىغىنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيادا ئېچىلدى. لەنساڭجياڭ مېكون دەرياسى ھەمكارلىقى مېخانىزمى رەسمىي بەرپا قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بىلەن تايلاند لەنساڭجياڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئورتاق ئارزۇسىغا كېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

بۇساد مۇنداق دېدى: بۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ھەر ئىككىسىدە لەنساڭجياڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان كۈچلۈك ئارزۇنىڭ بولغانلىقىدىن بولدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى بىلەن تايلاندنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانىنى تېخىمۇ ياخشى باغلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر ئىككى دۆلەت لەنساڭجياڭ مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى رامكىسىدا ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى ھەمكارلىقنى تېزلەتمەكتە.

بۇساد مۇنداق دېدى: ھازىر تايلاند شەرق ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقارماقتا، ھەمدە تايلاندنىڭ 4.0 تەرەققىيات پىلانى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدىغان بولۇپ، لەنساڭجياڭ مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

كەسپى مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لەنساڭجياڭ مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ساھەسىدىكى تورتنى چوڭايتىدۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تايلاند چىڭلەي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى نالوڭسا مۇنداق دېدى: تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگولۇق تېخىمۇ كۆپ سودىگەرلەرنىڭ ئۆلكىمىزنىڭ ساياھىتى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىشقا پايدىلىق، بىزمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىسى قاتارلىق تەرەپلەردە تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىش ۋە تەجرىبىلەرنى ئەينەك قىلىشنى كۈتمەكتىمىز.

لەنساڭجياڭ مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىمۇ جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇسادنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ خەينەن، گۇاڭدوڭ، فۇجيەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلىرىدىكى جۇڭگولۇق كۆچمەنلەر تايلاندقا بارغاندىن كېيىن، تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان. ھازىر تايلاندتىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئامما خەنزۇ تىلى ئۆگەنمەكتە، بارغانسېرى كۆپلىگەن جۇڭگو ۋە تايلاندتىكى ئوقۇغۇچىلار قارشى تەرەپتىكى دۆلەتتە ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئاشۇرۇش يولىنى تاللىماقتا. بۇساد مۇنداق دېدى: 2017-يىلى تايلاندقا بارغان چەتئەللىك ساياھەتچى 35 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىن بارغان ساياھەتچى 9 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. مەن 2020-يىلى بۇ ساننىڭ 15 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئېچىپ ، تەقدىرى زىچ باغلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لەنساڭجياڭ مېكون دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تايلاند سۇ رىشتىسى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەر يىلى يۈشۇ ئوبلاستى بەيگە بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دۆلەتلەرنى يۈشۇغا كېلىپ يەرلىكنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە لەنساڭجياڭ مېكون دەرياسى مەنبەسىنى نەق مەيداندىن كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئەل ئىچىنىڭ دەريا مەنبەسىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئەمەلىي ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۇندىن باشقا ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ لەنساڭجياڭ دەرياسى ھەمكارلىقى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىقتىسادتىن تەڭ بەھرىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇساد مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ قانۇن رامكىسىدا ئالاقىسىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئەقلىي تەرەققىيات ئارقىلىق كېلەچىكىمىزنى ئۆزگەرتىشىنى كۈتمەكتىمەن.