UYNTV

لى كېچياڭ: يان تېلېفوننى دېھقانلارنىڭ «يېڭى دېھقانچىلىق قورالى»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 29-06-2018 12:53

A-A+

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بازارنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +»غا تايىنىپ ھەر خىل كەسىپلەشكەن ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ دەل، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆزگىرىشچان چوڭ بازار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ قوللىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئەلا نەسىلنى يېتىشتۈرۈش، ئېتىز پەرۋىشى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئەشيا تورىنى رايون بويىچە سىناق قىلىش دائىرىسى، كۆلىمى ۋە مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، «ئالاقە تورى +» دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يېزىدىن چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ دېھقان ئائىلىسى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى، يېزا كەڭ بەلباغلىق تورى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى «سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەر قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەت، ياخشى باھا بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توردا سېتىلىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر خىل يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىياتىنىڭ كۆپ خىللىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېزىلاردا چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق مېخانىزملار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يان تېلېفوننى دېھقانلارنىڭ «يېڭى دېھقانچىلىق قورالى»غا ئايلاندۇرۇپ، ئالاقە تورىنى يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان مۇھىم ئەسلىھەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش..06-25

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نام..06-15

مۇھىت قانۇنى ئىجراسى سالمىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش..06-13

گوۋۇيۈەن: مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىي..06-07

لى كېچياڭ: «ئالاقە تورى +» بىلەن خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە تېخىمۇ ..06-06

لى كېچياڭ: ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىل..06-01

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ جىسمانىي ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرل..05-31

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى: تور تاكسىلىرىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، شەخسىي ئ..05-25

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىل..05-25

غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئ..05-17