UYNTV

مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-07-2018 16:49

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

 

مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلار يېقىندا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلىكى، ئۆستۈرۈش نىسبىتى %5تىن ئاشقانلىقى، ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، سەككىز شەھەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

 

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 29-ئىيۇنغىچە، بېيجىڭ، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، شىنجاڭ، جياڭشى، شىزاڭ، گۇاڭشى، شاڭخەي، يۈننەن، شەندۇڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۆستۈرۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئەڭ يۇقىرىسى سىچۈەن بولۇپ، ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 290 يۈەن ئۆستۈرۈلگەن، ئۆستۈرۈش نىسبىتى %23كە يەتكەن؛ ئەڭ تۆۋىنى شاڭخەي بولۇپ، 120 يۈەن ئۆستۈرۈلگەن، ئۆستۈرۈش نىسبىتى %5.2 بولغان. جۇڭگو ئەمگەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ خەينەن مۇنداق دېدى: ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇ جايدىكى تۆۋەن كىرىملىكلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.