UYNTV

يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن پۇل-مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 04-07-2018 16:09

A-A+

يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن پۇل-مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى 2-ئىيۇل قۇرۇلدى ھەمدە يىغىن ئاچتى، يىغىندا، زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلماقتا، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، مەملىكەت ئىچىدە غايەت زور كۆلەمدىكى بازارنىڭ ئايلىنىش بوشلۇقى كەڭرى، زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە تاشقى خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق شارائىتنى پۈتۈنلەي ھازىرلىدۇق، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل، كېلەر قەدەمدە تۈرلۈك خىزمەتلەر بەلگىلەنگەن لايىھە بويىچە تەرتىپلىك ئىشلىنىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار