UYNTV

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 04-07-2018 17:24

A-A+

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە  ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

   مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7 – ئاينىڭ 3 –كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش قىلدى. ئۆگىنىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 6 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى جەزمەن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتىكى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىشى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقنى ساقلاش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، باشتىن – ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي يادرونى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى قوغداش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇش كېرەك.
   
   ئىككىنچى، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، كوممۇنىزم ئالىي غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش، چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇققا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

   ئۈچىنچى، ئەلرايىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى زىچ چۆرىدەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، خەلقنى كۆپرەك غەمدىن خالاس قىلىش، خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەش، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

   تۆتىنچى، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى، ‹‹قەتئىي تاقەت قىلماسلىق›› پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قەتئىي بويسۇنۇش، ياخشى سىياسىي مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.