UYNTV

ۋاڭ ياڭ ۋاڭۋاڭ جۇڭشى تاراتقۇ گۇرۇھى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 04-07-2018 16:10

A-A+

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا باش مۇدىر سەي يەنمىڭ باشچىلىقىدىكى تەيۋەن ۋاڭۋاڭ جۇڭشى تاراتقۇ گۇرۇھى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش- مىللەتنىڭ چوڭ ئىشى، ھەرقانداق كۈچ بۇنى توسۇۋالالمايدۇ. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تومۇرداش بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تەيۋەندىكى قېرىنداشلار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئالدى بىلەن تەڭبەھرلىنىپ، تەيۋەندىكى قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا راۋاجلىنىشىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنپەئەتىنى تېخىمۇ بىرىكتۈرۈشنى خالايمىز.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، تەيۋەندىكى قېرىنداشلارغىمۇ ياخشى. ۋاڭۋاڭ جۇڭشى تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ ئىزچىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي ھېسسىياتنى قەدىرلەپ، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «ئىككى قىرغاق بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئىدىيەسىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق ياخشى جامائەت پىكىرى مۇھىتى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.