UYNTV

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 05-07-2018 17:13

A-A+

s

مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى 3- ۋە 4-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىزدە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ- پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلار، ئۇلۇغ ئارزۇ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى ئېلىپ بېرىش لازىم، پارتىيەمىز چوقۇم دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي لۇشيەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشالايدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ مۇجەسسەملەش، ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەخلاقى ۋە قابىلىيىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى- نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىقىرىپ، مۇستەھكەم، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈردى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىدە، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشىگە كۈچەشتە، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاساسنى كۈچەيتىش ۋە پۇختىلاشتا، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى كۈچەيتىش، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى روشەن كۈچەيتتى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، پارتىيە ئىنقىلابىيلىقىنى چېنىقتۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولدى. بىزنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىز ئەمەلىي چوڭقۇرلاشتى. بىز قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي نەتىجىلەر ۋە نەزەرىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەمدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىدىغان ۋاقىت تېخى يېتىپ كەلمىدى. پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئۆتكۈر، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللار مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، سىياسىي پاك بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. بولۇپمۇ شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، قاپلىغان ساھەلەرنىڭ كەڭلىكى، مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەشكە تېگىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، چېتىلىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ كەسكىنلىكى، تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ مۈشكۈللۈكى، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. بىز چوقۇم كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇلۇغ ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بارىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىدىغان، جۇشقۇن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك تەشكىلىي سىستېمىسىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ مېڭە ۋە ئۇنىڭ مەركىزى، پارتىيە چوقۇم ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نوپۇزغا ئىگە بولۇشى كېرەك، پارتىيە يەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش، چەكلەنگەننى توسۇش، پارتگۇرۇپپا پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئېڭى ۋە تەشكىلىي نۇقتىئىنەزەرنى كۈچەيتىپ، تەشكىلنى ئىدىيە جەھەتتە ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە تايىنىپ، خىزمەتتە بويسۇنۇپ، ھېسسىياتتا ئىشىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، ياخشى تۇتۇشتا، تەشكىلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي ئورنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، پائالىيەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلىنىشى ۋە خىزمەت قاپلىنىشىنى كېڭەيتىش كېرەك، كارخانا، يېزا، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، مەھەللە قاتارلىق ھەرقايسى قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە ئىنتېرنېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش يولىدا ئىزدىنىش كېرەك، ياچېيكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي خىزمەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسى قاتلامدىكى تۈرلۈك تەشكىلاتلارنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاساسى قاتلامنى تەرتىپكە سېلىش يۆنىلىشىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يەكۈنلەنگەن ئەمەلىيەت تەجرىبىسى، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئومۇمىي تەلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تېما، پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھەم پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە ئاساسەن ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەپەككۇر، تەدبىر، چارە ئارقىلىق يېڭى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر پارتىيە تەشكىلاتى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاچقۇچ ــ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشتا، مۇھىم نۇقتا ــ كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتا. مەنبەيىدىن تەربىيەلەش، ئىز قوغلاپ تەربىيەلەش، ئومۇمىي مۇساپىلىك تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ساپا تەربىيەسى قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، سىياسىي ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە، ئىنتىزام قائىدىلەرنى چىڭىتىپ، پاكلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە، ئاساسى بىلىم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىدار ئاساسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، كادىرلارنى ساپا جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ سىستېمىلىقى، ئىزچىللىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك باھالاش، تۈرلەر بويىچە باھالاش، يېقىن ئارىلىقتىن باھالاشتەك ئەھۋال ئىگىلەش، ئادەم تونۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلەر بويىچە باھالاشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچرىشىپ، تاللاپ چىقىلغان كادىرلار تەشكىلاتىنى خاتىرجەم قىلىش، ئاممىنى رازى قىلىش، كادىرلارنى قايىل قىلىش كېرەك. ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىكلەرنى ۋەزىپىگە قويۇش، ئادەم بىلەن ئىشنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ھەر ھەر يەردىن بولۇشتا، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىكلەرنى قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قابىلىيەتلىكلەرنى كىرگۈزۈش يولىنى كېڭەيتىش، كەسىپنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپكە قاراپ ئادەم تاللاپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك، ئىدىيەنى، خىزمەتنى، ئىستىلنى، ئىنتىزامنى باشقۇرىدىغان قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك باشقۇرۇشنى، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق كىشىلەرنى ئوبدان باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغىچە باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق پەيتتە باشقۇرۇش بولۇپمۇ بىرىنچى قول باشلىقنى ياخشى تۇتۇش، ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، باشلامچىلىق قىلالايدىغان، مەسئۇلىيەتچان، غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەيدىغان توغرا يۆنىلىشلىك ئىلھام بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىپ،مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشتەك روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، كادىرلارغا چىن قەلبىدىن كۆيۈنۈپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بولۇش ئاساسى قاتلامدىكى كادىرلار بولۇپمۇ جاپالىق رايونلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنىش ۋە قوللاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشلاردا ئىختىساسلىقلارنى ئاساس قىلىش كېرەك . ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ ، ۋەتەننى سۆيىدىغان ، تۆھپە قوشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش لازىم. ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتى، كۈرەش روھى، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ،ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك . ۋەتەننى سۆيگەن ،ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغان ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ، مۇكاپاتلاپ، زىيالىيلار ۋە كەڭ ئىختىساسلىقلار ئارىسىدا ۋەتەننى سۆيۈش ، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش لازىم .
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە ۋە ئادەمدە ، تۈپ يىلتىزى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈشتە. بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سادىق ، پاك ، مەسئۇلىيەتچان ، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك . مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار چوقۇم پارتىيەگە سادىق بولۇپ ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى لازىم . مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنىڭ ئىزباسار بولۇشقا يېتەرلىك ئىقتىدارى بولۇشى، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى، تەجرىبە توپلىشى ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ئۆگىنىشنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، خەلقنى ئۇستاز تۇتۇشى كېرەك . زېھىننى خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ ، كەسىپكە بېرىلىشى ،بىر كەسىپنى قىلسا شۇ كەسىپنى سۆيۈشى ،ياخشى قىلىشى كېرەك . ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ، قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا بېسىپ، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىپ ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، كەسكىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش كېرەك . مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار سەمىمىي ئادەم بولۇش ، راست گەپ قىلىش ، سەمىمىي ئىش قىلىشنى كىشىلىك تۇرمۇش ئەقىدىسىگە ئايلاندۇرۇشى لازىم . ياش كادىرلارنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۇرۇس يولدا مېڭىش ، نامۇۋاپىق خاھىشلارنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش، پىرىنسىپچان ،قائىدىلىك بولۇشقا يېتەكلەش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنىڭ ھەم سانى يېتەرلىك ، ھەم سۈپىتى ياخشى بولۇش لازىم . جايلار ۋە تارماقلار يېقىنقى مەزگىللىك ئېھتىياج ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ ، بەلگىلىك سان كۆلەمدىكى مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش لازىم. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى ھەرقايسى سەپلەر ، ھەرقايسى ساھەلەرگە قارىتىش ،كەسپىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بىرىكمە تىپتىكى رەھبىرىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئىش ئورۇنلىرى ، مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا چېنىقتۇرۇپ ، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش لازىم. تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىستىقبالى بار مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئىشلىتىشتە بىر خىل ئۆلچەم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك . ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ ، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقاش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش . لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتگۇرۇپپىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ياخشى باش رولچى بولۇپ ، ھەر بىر لىنىيە ، ھەربىر ساھە، ھەر بىر ھالقىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە كونكرېت بولۇش،چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك . پارتكوم پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي ، ئىنچىكە ،ئەمەلىي چىڭ تۇتۇشى لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،تەشكىلىي خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش،يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار