UYNTV

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيەنكو بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 05-07-2018 17:22

A-A+

s

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 ـ ئىيۇل خەلق سارىيىدا رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيەنكو بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ماتۋىيېنكوغا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالامىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. بۇ يىل، ھەر ئىككى دۆلەت مەملىكەت ئىچىدىكى مۇھىم سىياسىي كۈنتەرتىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. بىز ئىككى تەرەپنىڭ پىشقان، مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قىلچە تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئىشلار ۋە دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى سىياسەت ۋە قانۇن جەھەتتىن قوللاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆرنەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ماتۋىيېنكو زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى بۇنىڭدا نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، دېدى.