UYNTV

دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر تىزىملىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : نۇر تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 05-07-2018 19:15

A-A+

s

ئېنگلاند كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق كولۇمبىيە كوماندىسىنى شاللاپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى، بۇ مۇسابىقىدە خاررى كېن بىر توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئالتە توپ كىرگۈزۈپ مەرگەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.

ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن كولۇمبىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە خاررى كېن بىلەن مىنا بىردىن توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ئىككى توپچى يەنە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مەرگەنلەر تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى 10 توپچىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، خاررى كېن ئالتە توپ كىرگۈزۈپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، مىنا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ مىباپپې، كاۋانى، چېرشېۋ، زىيۇبا، دىگو كوستا قاتارلىقلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان.

s

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا يەنە ئىككى توپچى تۆت توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇلار بېلگىيە كوماندىسى بىلەن سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن لۇكاكۇ بىلەن شاللىنىپ كەتكەن كىرىستىيانو رونالدو، بۇنداق بولغاندا لۇكاكۇ خاررى كېننىڭ دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى تالىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى ھېسابلىنىدۇ. لۇكاكۇ بىلەن خاررى كېن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئوخشاشلا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئوخشاشلا بېلگىيە كوماندىسى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشمىغان. لېكىن، لۇكاكۇ كىرگۈزگەن تۆت توپ ئىچىدە نۇقتا توپ يوق بولۇپ، خاررى كېن ئۈچ نۇقتا توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مىباپپې، چېرشېۋ، زىيۇبا ۋە كاۋانى قاتارلىق ئۈچ توپ كىرگۈزگەن توپچىلارنىڭمۇ خاررى كېنغا جەڭ ئېلان قىلىش پۇرسىتى بار.

خاررى كېن ئالتە توپ كىرگۈزۈش بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خامېس رودرىگۇز بىلەن تەڭلەشكەن بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ نىشانى 10 توپ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىرگۈزۈشكە ئايلانغان. دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا پەقەت ئۈچ توپچىلا يەككە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككى خانىلىق توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى گېرد مۇللېر، ئۇ غەربىي گېرمانىيە ئۈچۈن 10 توپ كىرگۈزگەن؛ 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى فونتېين، ئۇ فرانسىيە كوماندىسى ئۈچۈن 13 توپ كىرگۈزۈپ يەككە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ساندور كوچىس ۋېنگرىيە كوماندىسى ئۈچۈن 11 توپ كىرگۈزگەن.