UYNTV

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم خەلق ياراشتۇرغۇچىلىرىغا «كۆرۈنمە چاستوتا دەرسخانىسى» تەسىس قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 06-07-2018 16:23

A-A+

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خەلق ياراشتۇرغۇچىلىرى دەرسخانىسى 4-ئىيۇل دەرس باشلىدى، ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ جېڭخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىدىيو شەكلى بىلەن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خەلق ياراشتۇرغۇچىلىرى دەرسخانىسى ئېچىش- مەملىكەتلىك بويىچە خەلق ياراشتۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى ئۈچۈن بىر ئۆگىنىش-ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ، مەملىكەت بويىچە خەلق ياراشتۇرغۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئاساسىي دەرسخانا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئورگىنىدا تەسىس قىلىنغان، شۆبە دەرسخانا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە شارائىتى بار ئەدلىيە ئورگانلىرىدا تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 98 مىڭ كىشى تەربىيەلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئايدىن باشلاپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھەر ئايدا بىر مەملىكەتلىك خەلق ياراشتۇرغۇچىسى مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلىتىدىكەن.