UYNTV

لى كېچياڭ بۇلغارىيە زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-07-2018 11:41

A-A+

بۇلغارىيە زۇڭلىسى بورىسوف شۇ يەر ۋاقتى 6-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ بولغارىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى سۆھبەتلەشتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بۇلغارىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. 2014-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان دۆلىتىڭىزلارنىڭ رەھبىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن بۇلغارىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك، دوستلۇق، ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللىشىنى، «بىر بەلباغ بىر يول»، ئۇل ئەسلىھە، يادرو ئېنېرگىيەسى، كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى، ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى، يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «1+16 يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى» ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنى ياخشى قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى-جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە پايدىلىق تولۇقلىمىسى بولۇپ، جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى بىلەن ماس كېلىدۇ. جۇڭگو ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىتتىپاق، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇلغارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق «1+16 ھەمكارلىقى»غا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشنى خالايدۇ.

بورىسوف مۇنداق دېدى: «1+16 ھەمكارلىقى» جۇغراپىيەلىك سىياسىي سەھنە ئەمەس، پۈتۈنلەي بازار پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

شۇ كۈنى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چىن خۇڭ سوفىيە شەھەرلىك 18- مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سوفىيە شەھىرىنىڭ باشلىقىغا جۇڭگوغا بېرىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىدىغان كۇڭزى شۆيۈەننىڭ ئوقۇش مۇكاپات سانىنى تاپشۇرۇپ بەردى ھەمدە كىتاب قاتارلىق ئوقۇتۇش بۇيۇملىرىنى ھەدىيە قىلدى.

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 6-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سوفىيەدە بۇلغارىيە زۇڭلىسى بورىسوف بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ كۆپ تەرەپلىك ئەركىن سودىنى قوغداپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، سودا سۈركىلىشىنى توسۇش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سودا ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سودا جېڭىمۇ قىلمايدۇ، ئەمما، ئەگەر قارشى تەرەپ تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سودا جېڭى كەلتۈرۈپ چىقارسا، جۇڭگو مۇناسىپ قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوغدىغانلىق، سودا جېڭىدە يەڭگۈچى بولمايدۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش مۇساپىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر جاھىللىق بىلەن شۇنداق قىلىدىغان بولسا، نەتىجىدە پەقەت ئۆزى زىيان تارتىدۇ. تاشقى ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى باشتىن-ئاخىر مۇقىملىق ئىچىدە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار