UYNTV

جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-07-2018 12:21

A-A+

لى كېچياڭ چېخ زۇڭلىسى بابىس بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى كۈچىيىپ، ئالىي قاتلىمىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسى كۆپەيدى. جۇڭگو چېخنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشتەك ئاكتىپ پوزىتسىيەسىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو چېخ بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىدە ئۆز-ئارا چۈشىنىپ ھەم ھۆرمەتلىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىياسىي ئاساسىي ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىي شارائىتلىرىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. جۇڭگو چېخ بىلەن قوش تەرەپلىك ئېچىۋېتىش ۋە قوش تەرەپلىك سودا، مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشنى، مال سودىسىنى زورايتىپلا قالماي، مۇلازىمەت سودىسىنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. چېخنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر چېخقا كۆپلەپ ساياھەتكە بېرىۋاتىدۇ شۇنداقلا جۇڭگو چېختىكى ساياھەتچىلەرنىڭمۇ جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ چۈشىنىش ھەم دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

 

لى كېچياڭ قارا تاغ زۇڭلىسى ماركوۋېيچ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن قارا تاغنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى پائال ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو تەرەپ قارا تاغ بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ پۇختا ھەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. قارا تاغ جەنۇب شىمال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ بايراقدار تۈرى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭ تۈر ھەمكارلىقىدا ئۈلگە تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو قارا تاغ بىلەن ئۈچىنچى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىنى يارىتىشىنى خالايدۇ. جۇڭگو رىقابەت كۈچىگە ئىگە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قارا تاغقا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو پۇقرالىرىنى قارا تاغقا ساياھەتكە بېرىپ، كۆپ يوللۇق ساياھەت لىنىيىسى بەرپا قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ.