UYNTV

لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرلىكتە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-07-2018 19:25

A-A+

w

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈشتە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىككى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، سىپىرلاشتۇرۇش، ئاپتوماتىك ھەيدەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى؛ مۇھىتنى ئوڭشاش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى؛ ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ كونسۇل قوغداش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە پۇل مۇئامىلە، مالىيە-ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مەبلەغ سۆھبىتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتى جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچىنچى تەرەپ بازىرىدا ھەمكارلىشىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلار ئارقىلىق، قورۇقچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنىدا، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئېغىشماي كېڭەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەردى. بىز گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىش پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايمىز. گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئېچىۋېتىشىنى، دوستانە، ئادىل مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ بۇ نۆۋەتلىك كېڭىشىشتە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنى نەپكە ئىگە قىلىشى ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كېڭىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، ياشلار، سەھىيە، خىمىيە سانائىتى، خەۋەرلىشىش، ئاپتوموبىل، ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىق ساھەلەردىكى 20 نەچچە تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.