UYNTV

ئامېرىكا ئىككى تۈركىيە ئەمەلدارىنى جازالاشنى قارار قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 02-08-2018 17:20

A-A+

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 1-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكىلىق پوپ ئاندېرېۋ.بۇرۇنسون ھازىرغىچە تۈركىيە تەرىپىدىن قاماپ قويۇلغانلىقتىن، ئامېرىكا بۇ دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈركىيە ئەمەلدارىنى جازالاشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا ئېيتىشىچە: جازالانغىنى تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇل.خەمىد.گۈل بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان.سويلوكەن. بۇ ئىككى كىشى بۇرۇنسون دېلوسىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان.

بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جازالانغۇچىنىڭ ئامېرىكىدىكى بايلىقى توڭلىتىلىدىكەن، ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار