UYNTV

ئاق ساراي، تىرامپ كىم جوڭئۇنغا جاۋاب خەت يازدى دېدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-08-2018 17:41

A-A+

ئاق ساراي باياناتچىسى ساڭدىس 2 -ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاب خەت يازدى، جاۋاب خەت تېزدىن يەتكۈزۈلىدۇ.

ساڭدىس شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى : تىرامپ بىلەن كىم جۇڭئۇن ئالاقىلىشىش جەريانىدا ، ئىككى تەرەپنىڭ سىنگاپور ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسى ئۈستىدە توختالدى. ئىككى رەھبەر داۋاملىق تىرىشىپ ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساڭدىس چاۋشيەننىڭ يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى سىجىل ھەمكارلىق ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى ، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار