UYNTV

ياپونىيەلىك 143 نەپەر پۇقرا كوللېكتىپ ھالدا ياپونىيەنىڭ يېڭى خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دەپ شىكايەت قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-08-2018 17:58

A-A+

ياپونىيەلىك 143 كىشى 2 - ئاۋغۇست ياپونىيەنىڭ ناگويا يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە يېڭى خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ كوللېكتىپ ئەرز قىلدى.

دەۋاگەرلەر سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەيىبنامىدە، يېڭى ئامانلىق قوغداش قانۇنىدا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلۇپ ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش خەۋپنى ئاشۇرۇۋېتىپ، دەۋاگەرلەرنىڭ تىنچ ياشاش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزدى، دەۋاگەرلەرگە ئېغىر تەشۋىش ۋە ۋەھىمە قاتارلىق روھىي ئازاب ئىلىپ كەلدى دېدى. دەۋاگەرلەر ھەر بىر كىشىگە 100 مىڭ ياپونىيە يېنى زىيان ھەق تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دەۋاگەر تەرەپنىڭ ئەزاسى، سابىق سودىيە مۇنداق دېدى: بۇ بىر مەيدان پۇقرالار بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دەۋا، سودىيەنىڭ يۈرەكلىك ئادىل ھۆكۈم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار