UYNTV

سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى ھودەيداغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ 52 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-08-2018 17:40

A-A+

يەمەن ھۇدەيدا ئۆلكىسى سەھىيە تارماقلىرى 2 -ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىك قىلغان كۆپ دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ھۇدەيدا ئۆلكىسىنىڭ ھۇدەيدا شەھىرىدىكى بىر بازارنى بومباردىمان قىلىپ، 52 نەپەر پۇقرانىڭ قازا قىلىشىنى، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 13 - ئىيۇن ھۇدەيداغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى. ھۇدەيدا پورتى قىزىل دېڭىزغا جايلاشقان بولۇپ، يەمەن قوسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان مۇھىم يولى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشىدىكى بىردىنبىر يول.

2014- يىلى سېنتەبىردە، يەمەن قۇساي قوراللىق كۈچلىرى پايتەخت سانانى ئىشغال قىلىۋالدى، كېيىن يەنە يەمەننىڭ جەنۇبىنى ئىگىلەپ، زۇڭتۇڭ ھادىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. 2015 - يىلى ئۈچىنچى ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇساي قوراللىق كۈچلىرىگە « كەسكىن بوران » ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار