UYNTV

ئەنۋەر، مالايشىيادىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ پارتىيەنىڭ بىردىن بىر رەئىس نامزاتىغا ئايلاندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 06-08-2018 16:23

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

مالايشىيادا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئۈمىد ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەزا پارتىيە بولغان خەلق ئادىل پارتىيەسى 5-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا نامزات كۆرسەتتى، چوڭ سايلامدىن كېيىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن سابىق مۇئاۋىن زۇڭلى ئەنۋەر پارتىيەنىڭ بىردىن بىر رەئىس نامزاتىغا ئايلاندى، بۇ ئۇنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئەنۋەر مۇئاۋىن زۇڭلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قولىدىن پارتىيەنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.پارتىيەنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قولغا ئالدىغانلىقى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى خەلق ئادىل پارتىيەسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆت مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تالىشىۋاتقان ئادەم كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنۋەرنىڭ قىزىمۇ بار.