UYNTV

چاۋشيەن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيەسى كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 06-08-2018 16:56

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەن « ئەمگەك خەۋەرلىرى » گېزىتى 5 -ئاۋغۇست چاۋشيەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان تىنچلىق كومىتېتىنىڭ 4 -ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە بىلەن ئىمزالىغان ئاتوم ئېنېرگىيەسى كېلىشىمىنىڭ 30 يىللىق قەرەلى توشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتىش ئۇسۇلىنى ئەيىبلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن چاۋشيەنگە قوش ئۆلچەم قوللىنىشتەك پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان ئامېرىكىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا يادرو مەسىلىدە ياپونىيە بىلەن چاۋشيەنگە قوش ئۆلچەم قوللاندى.ئامېرىكا كۆپلىگەن پلۇتونىينى ساقلىغان ياپونىيەگە قارتا، ئامېرىكا ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى كېلىشىمىنى ئۇزارتىپ، ياپونىيەنى يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى.چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان چاۋشيەندىن گۇمانلاندى ۋە ئىشەنمىدى.