UYNTV

بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35تىن ئاشمايدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-08-2018 17:07

A-A+

مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. 8-ئاينىڭ 6-ۋە 7-كۈنى ئىككى كۈن تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەپ، 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدە كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 بولىدىكەن.

بۇ ھەپتىدە تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدىكەن. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃33، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21 بولىدىكەن. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃24 بولىدىكەن. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تېمپېراتۇرىدا ئازراق تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىكەن.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتتى. بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى قىسىمىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنىڭ كۈندىلىك تېمپېراتۇراسى ℃35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن. مەركىزى شەھەر رايونىدا 8-ئاينىڭ 7-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 بولىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنىڭ «كونتىرول»لىقىدا بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلمەيدىكەن، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃34 قا بارغاندا ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن.

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون،تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قاراماي، شىخەنزە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ℃35تىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان ۋە قومۇلنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن ئاشىدىكەن.

 

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار