UYNTV

ئامېرىكا، ئىرانغا قارىتىلغان غەيرى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى جازالاشنى قايتىدىن يولغا قويدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-08-2018 16:49

A-A+

ئامېرىكا ئاق سارىيى 6 -ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ 7 -ئاۋغۇست ئىرانغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە ، مېتال، كان مەھسۇلاتى، ئاپتوموبىل قاتارلىق بىر يۈرۈش ئېنېرگىيەدىن باشقا ساھەگە قارىتىلغان جازانى قايتىدىن يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاق ساراي باياناتىدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدۇ دېدى، ھەمدە ئامېرىكا بۇ كېلىشىمدىن 5-ئاينىڭ 8-كۈنى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان38 شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىگە قارتا جەمئىي 6 تۈركۈملۈك جازانى يولغا قويدى دېدى.

شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىرانغا قارىتىلغان بىر قىسىم جازانى قايتا يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ، بارلىق دۆلەتلەرنى ئىراندىن خام نېفىت سېتىۋېلىشنى ئازايتىشقا ياكى توختىتىشقا ، ھەمدە ئىراننىڭ ئالاقىدار مەسىلىسى توغرىسىدا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسى تۇتۇشقا دەۋەت قىلدى.