UYNTV

چاۋشيەن ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتىدە، ئامېرىكا ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق چاۋشيەنگە بولغان ياخشى نىيىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك دېدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-08-2018 16:55

A-A+

چاۋشيەن « ئەمگەك خەۋەرلىرى » 6-ئاۋغۇست ئوبزورچە ماقالە ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يېقىندا جامائەت پىكرى دولقۇنى قوزغىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ ، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش ، ئامېرىكا بولۇپمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياخشى نىيەتنى ۋە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك دېدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ، شىمالىي قىسمىدىكى يادرو سىنىقى مەيدانىنى بىكار قىلىشتىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشقىچە ، چاۋشيەن سەمىمىيىتى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا بولسا ئاغزىدا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تەكىتلەپ ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىدى، ھەتتا،بۇنىڭغا قارشى ئىش قىلدى.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چاۋشيەن، چاۋشيەن - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەريانىدىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلار دەپ قارايدۇ ، كەلگۈسىدىكى بارلىق ئىشلار ئامېرىكىنىڭ جازالاش ، بېسىم ئىشلىتىشتەك، كونا قورالىنى تاشلاش ۋە ئىشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىشىگە باغلىق.