UYNTV

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازاسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەڭ يېڭى جازاغا قارشى نىزامىنى يولغا قويماقچى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-08-2018 16:47

A-A+

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 6 -ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ، ئامېرىكا ئىرانغا ئېنېرگىيەدىن باشقا ساھەگە قارىتىلغان جازالاشنى يولغا قويغان پەيتتە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاھالىلىرىنىڭ ۋە شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يېڭى جازالاشقا قارشى نىزامىنىڭ 7-ئاۋغۇست كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى، 6 - ئاۋغۇست ئەنگلىيە ، فىرانسىيە، گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پات ئارىدا قايتا يولغا قويىدىغان ئىرانغا قارىتىلغان جازاسىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ساقلاشنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ دۆلەتنىڭ - ياۋروپا كارخانىلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يېڭى جازاغا قارشى نىزامى 7-ئاۋغۇست كۈچكە ئىگە بولىدۇ ، بۇنىڭدىن مەقسەت ئىران بىلەن قانۇنلۇق كەسپىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت.