UYNTV

خۇبۇچى مۆجىسىدىن كەلگەن يېشىل ئىلھاملار

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 08-08-2018 17:24

A-A+

6-ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا «خۇبۇچى مۆجىسىدىن كەلگەن يېشىل ئىلھاملار»ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دۇنياۋى قىيىن مەسىلە، خۇبۇچى ئېلىمىزدىكى 7-چوڭ قۇملۇق، ئىلگىرى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئۆلۈك دېڭىز دەپ ئاتالغان، يېشىللىقنى ئۇزارتىش، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشتە تەسۋىرلىگۈسىز مۇشەققەتلەرنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بېرى ئوردوستىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تېشىپ ئىشلەپ، ئارقا ئارقىدىن پىلان تۈزۈپ، 6مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق قۇملۇقىنى تىزگىنلىدى.

قۇملۇقنى تىزگىنلەش ھاياتلىق مەسىلىسى، شۇنداقلا تەرەققىيات تېمىسى، ئۇنىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ــ قۇملۇق رايونىدىكى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، بۈگۈنكى خۇبۇچى تىزگىنلەش رايونىغا كىرسىڭىز، ئېتىزلىقلاردىكى گىرەلىشىپ كەتكەن كىچىك يوللارنى، يېشىللىق ئارا قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىنى كۆرىسىز، بۇ ئۆزگىرىشلەر شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن پارتكوم ھۆكۈمەتلەر سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىلار كەسىپلەشتۈرۈشكە مەبلەغ سېلىش، دېھقان چارۋىچىلار بازارلىشىشقا قاتنىشىش، پەن تېخنىكىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت خۇبۇچى قۇملۇقىنى تىزگىنلەش قېلىپىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىلدى، خۇبۇچى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇكەممەل ئېكولوگىيە كەسپى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سۈزۈك سۇ،يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەننى جانلىق چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەرگە قۇملۇقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرسەتتى، بېيىش ئۈمىدى ئاتا قىلدى.