UYNTV

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7ئېيىدا ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونترول قىلىشى %80ئاشتى

تەھرىر : خەمىت مەسخوت | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 08-08-2018 16:41

A-A+

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا ئاساسلىق شەھەرلەردە ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونترول قىلىش قېتىم سانى 260قا يېتىپ، 2017-يىلىنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %80ئاشقان، 7-ئايدىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونترول قىلىش دەرىجىسىدە يەنە تارىخى رېكورت يارىتىلىپ، 60 شەھەردىن ئېشىپ كەتكەن، ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونترول قىلىش توغرىسىدا 70قېتىمدىن ئارتۇق سىياسەت چىقىرىلغان.

جۇڭيۈەن يەر مۈلۈك شىركىتىنىڭ باش تەھلىلچىسى جاڭ داۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش كۈچى 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئاشتى، بولۇپمۇ 7-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، نۇرغۇن شەھەرلەردە تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ دەرىجىسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ.

يېقىندا شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تەڭشەپ كونترول قىلىش يېڭى سىياسىتى ئېلان قىلىپ، كارخانا، كەسپى ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلارنىڭ تاۋار ئۆي سېتىۋېلىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى يېقىندا تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم ئۆي مۈلۈك كەسپىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش داۋامىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ ئۆي مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان كارخانىلار ۋە قارا ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ئىسىملىكىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى، بۇ ئۆي باھاسىنى ھە دەپ ئۆستۈرۈش، قارا ۋاسىتىچىلار پەيدا بولۇش، ئۆينى ساتماي تۇرۇۋېلىش، تەستىقلاتماي ئالدىن سېتىش، يالغان تەشۋىق قىلىش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.

يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قەتئىي قارارغا كېلىپ ئۆي مۈلۈك بازىرىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، بازار تەرتىپىنى تۈزەپ،ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك، جۇڭگو ئۆي مۈلۈك كەسىپ جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ جۇڭيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆي باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلىشىنى توسۇشنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى توختىتىشقا ئۆزگىرىشى مەركەزنىڭ تەڭشەپ كونترول قىلىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.