UYNTV

ئۈرۈمچىدە «مىڭ يىللىق غەربىي دىيارغا قايتىش» ئويۇنى قىزىپ كەتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 08-08-2018 16:35

A-A+

ئىگىلىنىشىچە، 5-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر «مىڭ يىللىق غەربىي دىيارغا قايتىش» ئويۇنىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 200 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. 8-ئاي كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى ھەر كۈنى كەچ سائەت 20:30 ئۆتكەندە مۇقىم «مىڭ يىللىق غەربىي دىيارغا قايتىش» ئويۇنىنى قويغاندىن سىرت، يەنە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە كۈندۈزلۈك ئىككى مەيدان ئويۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ ئويۇننى كۆرۈشىگە پۇرسەت ياراتتى. «مىڭ يىللىق غەربىي دىيارغا قايتىش» بىر مەيدان ئادەم، كىيىم-كېچەك، ھايۋان، ئالاھىدە ئۈنۈم، چىراغ نۇرى، ئۇسسۇلدىن مۇجەسسەنلەنگەن پۈتۈن مەنزىرىلىك يىپەك يولى 1-ئويۇنىدۇر.