UYNTV

ئىران تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇشنى بوشىتىشتەك بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا تاقابىل تۇردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 08-08-2018 17:44

A-A+

ئىران ھۆكۈمىتى 5 - ئاۋغۇست بىر قاتار ئەركىن تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ ، بۇ ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل پاخاللىشىش بېسىمىنى يېنىكلەتمەكچى بولدى . ئىران مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى : يېڭى تەدبىر ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ جازالىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلدى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5 -ئاۋغۇست كەچتە خەۋەر قىلىشىچە: ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي رەھبەرلىك قىلغان ، ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە پارلامېنت باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئاپپاراتى شۇ كۈنى قارار چىقىرىپ ، ، تاشقى پېرېۋوت سودىسى تۇراقسىز پېرېۋوت نىسبىتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى قىسمەن بۇيرۇقنى بىكار قىلىپ ، چەت ئەل پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش ئورنىنىڭ غەيرىي ھۆكۈمەت پېرېۋوت نىسبىتى ئارقىلىق چەت ئەلدە ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجى بار بولغانلارغا تاشقى پېرېۋوت سېتىپ بېرىشىگە قوشۇلغان. ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەھدىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ، 4 - ئاي كىرگەندىن بۇيان رىيالنىڭ پاخاللىشىش قىممىتى % 50 تىن ئېشىپ كەتكەن.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار