UYNTV

ھىندونېزىيەدە 7 بال يەر تەۋرەپ 91 ئادەم قازا قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 08-08-2018 18:10

A-A+

x

جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەنىڭ دېنپاساردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ 6 -ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە: ھىندونېزىيەنىڭ غەربى نۇساتېڭگار ئۆلكىسىنىڭ لومبوڭ ئارىلىدا 5-ئاۋغۇست 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 91 ئادەم قازا قىلغان.  باش كونسۇلخانا شياڭگاڭلىق سەككىز پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان قامىلىپ قالغان جۇڭگولۇق37 پۇقرا بىلەن ئالاقىلەشكەن، يەنە بىر قىسىم جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يەنىمۇ دەلىللەشكە توغرا كېلىدىكەن، نۆۋەتتە تېخى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ئالاقىلەشكەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى مۇقىم بولغان. بىر قىسىم خادىملار كېمىگە ئولتۇرۇپ ئامان ئېسەن چېكىنگەن، قامىلىپ قالغانلار بىخەتەر جايغا ناھايىتى تېزدىن پۈتۈنلەي كەچۈرۈلگەن. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى:باش كونسۇلخانا بالى ئارىلى بىلەن لومبوڭ ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى كونسۇلخانلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ۋە ھىندونېزىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر ۋە ئاپەت ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە ھىندونېزىيە تەرەپنى جىددىي قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

x

d