UYNTV

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 09-08-2018 17:14

A-A+

 

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 7- چېسلا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە قىسمەن شەھەرلەردىكى ئۆي-زېمىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆي زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار ئۆي زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شۇ جايدىكى ئۆي-زېمىن بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاساسلىق خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىسى قاتارلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئۆي-زېمىن بازىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جايلارنىڭ ئۆي-زېمىن تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىگە بولغان سىناش-باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، خىزمەتتە كۈچلۈك بولمىغان، ھەمدە بازارنىڭ تەۋرىنىشى چوڭ بولغان ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىغا يېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان يەرلىكتىن مەسئۇلىيەتنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ خىزمەتنى كېچىكتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ، جايلار تۇرالغۇلارنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزەش ۋە يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تۇرالغۇلار ۋە ئىشلىتىلىدىغان يەر بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەڭشەپ، تۇرالغۇلارنىڭ ئىجارە بازىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پەرقلىق ئۆي قەرزى ۋە باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمالىغا مەدەت بېرىپ، ئۆي ھايانكەشلىكىنى قەتئىي توسۇپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى ۋە كۆزلىمە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى مالىمانچىلىقنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانا ۋە ۋاستىچى ئاپپاراتلارنى ئېچىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

چاۋشيەن ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتىدە، ئامېرىكا ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق چاۋشيەن..08-07

شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە مەركىز..08-01

جۇڭگونىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى: سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پ..07-27

شى جىنپىڭ: ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈر..07-17

خەن جېڭ: جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاغرىقل..07-13

شى جىنپىڭ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەر..07-13

شى جىنپىڭ: ياخشى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈر..07-05

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلى..07-04

ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن نەرسە-كېرەك تاشلاش قىلمىشىنى تۈزەش ئۈنۈمى ك..07-04

شى جىنپىڭ: كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ ياش..07-04