UYNTV

تاموژنا بېجى ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى قايتىدىن باھالىغان

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 09-08-2018 17:06

A-A+

 

ئامېرىكا ئاتلانتا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش بانكىسى 7-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، تاموژنا بېجى ئەندىشىسى بىر قىسىم ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ھازىرقى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى قايتىدىن باھالاش، كېچىكتۈرۈش ياكى ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان.

ئامېرىكا ئاتلانتا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش بانكىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشى ـــ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت خام ئەشيالىرىنىڭ تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، سودا شېرىكلىرىنىڭ جازاغا قارشى تۇرۇش تەدبىرى بولسا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى ئازايتىۋېتىدۇ. شۇڭا سودا سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىق نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە سودا ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى تاللىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

مەزكۇر ئورگان مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىق سانائىتى يۈكسەك دەرىجىدە كاپىتال كۆجۈملەشكەن ساھە بولغاچقا، نۆۋەتتىكى سودا سۈركىلىشىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا بولغان سەلبىي تەسىرى ئاساسلىقى ياسىمىچىلىققا مەركەزلىشىپ قالدى. ئەمما سودا جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشىنى نەزەردە تۇتقاندا تاموژنا بېجى ئەندىشىسىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە بولغان سەلبىي تەسىرى داۋاملىق كېڭىيىشى مۇمكىن.