UYNTV

الىلار كارىۋىتىنىڭ بىخەتەرلىك رېشاتكىسىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقراقى ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى ئېنىق بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 09-08-2018 17:17

A-A+

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جۇڭشەن شەھىرى يىڭيۆ بالىلار بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئۇ خىل ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇردى. دېمەك، شۇ كۈندىن باشلاپ، 2017- يىلى 3- ئايدىن 2018- يىلى 6- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغان بالىلار كارىۋىتىنىڭ بىخەتەرلىك رېشاتكىسىدىن قىسمەن رېشاتكىلار قايتۇرۇپ كېلىنىدىكەن. ئۇلار CHL-01، YY-C03، YY-C06 قاتارلىق تىپلاردىكى رېشاتكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ ماللارنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدا تەسىرگە ئۇچرىغان سانى 105 مىڭ 324كە يېتىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىش بۇيرۇقى دائىرىسىدىكى بالىلار كارىۋىتى بىخەتەرلىك رېشاتكىسىنىڭ ئىشلىتىلىش چۈشەندۈرۈشىدە، ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغاچقا، ئىستېمالچىلار ئۇلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا، بەزى ئىنچىكە ھالدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قارىشى مۇمكىن، يەنە تېخى بەزى ئالاھىدە شارائىتلاردا، ئۇ ماللار بالىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك نامۇۋاپىق تەرىپىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭشەن شەھىرى يىڭيۆ بالىلار بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئۆز دائىرىسىدىكى بالىلار كارىۋىتى بىخەتەرلىك رېشاتكىسىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ھەقسىز ھالدا ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىنى يېڭىلاپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە شىركەتنىڭ ئورگان تورى، مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ۋە سودىگەرلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا بىخەتەر ئىشلىتىش كۆرسەتمە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىدىكەن.