UYNTV

«خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش چارىسى» سىرتقا ئېلان قىلىندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-08-2018 13:00

A-A+

مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا چىقىرىلغان تارماقلار قائىدىسى «خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش چارىسى» سىرتقا ئېلان قىلىنغان، بۇ 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. چارىدە، خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلىشى، زور مۈلۈك ئۆزگىرىشى ۋە مەبلەغ سېلىش، زور ئالماشتۇرۇش سودىسى ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش بەلگىلەندى.

چارىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش دائىرىسى، ئۇسۇلى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى، يالغاندىن خاتىرىلەش، ئازدۇرۇش خاراكتېرلىك بايان ياكى چوڭ يوچۇق قالدۇرماسلىقى، ئاخبارات ئېلان قىلىش، ئېلان تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلسە بولمايدۇ.