UYNTV

رۇسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يادرو سۇ چۆكمە پاراخوتىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان <مەڭگۈلۈك> يادرو رېئاكتورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-08-2018 13:13

A-A+

رۇسىيە دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى گۇرۇھى شىركىتى 8-ئاۋغۇست: مەزكۇر شىركەت چۆكمە پاراخوتقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان <مەڭگۈلۈك> يادرو رېئاكتورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، دېدى.

رۇسىيە دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى گۇرۇھى شىركىتى تور بېكىتى 8-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: يادرو رېئاكتور ئۈزۈكى پۈتكۈل يادرو رېئاكتورىنىڭ يۈرىكى. يادرو رېئاكتورىنىڭ كونترول قىلغىلى بولىدىغان زەنجىرسىمان پارچىلىنىش رېئاكسىيەسى مۇشۇ يەردە يۈز بېرىدۇ. شىركەت يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىقارغان <مەڭگۈلۈك> يادرو رېئاكتورى ئۈزۈكى پۈتكۈل يادرو چۆكمە پاراخوتى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىزچىل خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، يادرو يېقىلغۇسىنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز.

دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە بۇ خىل يېڭىچە يادرو رېئاكتورى تەتقىقات باسقۇچىنى تاماملىغان ھەمدە دۆلەتنىڭ سىناق خىزمىتىدىن ئۆتكەن بولۇپ، رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان 4-ئەۋلاد يادرو چۆكمە پاراخوتىغا ئىشلىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.