UYNTV

يولداش ئابدۇقادىر نەسىردىن ۋاپات بولدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-08-2018 17:28

A-A+

s

ئۆز خەۋىرىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يولداش ئابدۇقادىر نەسىردىن كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى سائەت 4تە ئۈرۈمچىدە 73 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  يولداش ئابدۇقادىر نەسىردىن 1944 – يىلى 12 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1967 – يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1962 – يىلى 10 – ئايدا شىنجاڭ داشۆنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان، 1968 – يىلى 7 – ئايدا پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 7 – گۇڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان، 1970 – يىلى 5 – ئايدىن باشلاپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ پەيزاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئىدارە باشلىقى بولغان، 1984 – يىلى 3 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1989 – يىلى 4 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1991 – يىلى 3 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان، 1992 – يىلى 5 – ئايدا قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان، 1993 – يىلى 5 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان، 1998 – يىلى 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2003 – يىلى 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2010 – يىلى 1 – ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  يولداش ئابدۇقادىر نەسىردىن پارتىيەمىز تەربىيەلىگەن مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر. ئۇ ماركسىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى. ئۇ باشتىن – ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى چۆرىدىگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي قوللاپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.