UYNTV

يۈننەن توڭخەيدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-08-2018 18:06

A-A+

ھ

  سۈرەتتە، توڭخەي ناھىيەسىنىڭ سىجيې بازىرى ئىچىدە تىكىلگەن چىدىرلار (8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 13-ئاۋغۇست سائەت 18دىن 30 مىنۇتقىچە، شۇ كۈنى سەھەردە يۈشى شەھىرىنىڭ توڭخەي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.0 بال يەر تەۋرەشتە توڭخەي ناھىيەسى، جياڭچۇەن رايونى، خۇانىڭ ناھىيەسىدە 48 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 18 ئادەم يارىلانغان، 6000 يۈرۈشتىن كۆپ ئۆي ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلغان بولۇپ، ھازىر ئەھۋالى مۇقىم ئىكەن.