UYNTV

ئىران، رۇسىيە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا قوللانغان چارىلىرى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 21-08-2018 15:40

A-A+

8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىران، رۇسىيە ۋە تۈركىيەنى جازالايدىغانلىقىنى كەينى-كەينىدىن جاكارلىدى، بۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پاي بازىرى، پېرېۋوت بازىرى ۋە تاۋار بازىرىغا كۆرۈنەرلىك زەربە بولدى، بۇنىڭ زەنجىرسىمان تەسىرى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرگە زەربە بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

 

ئامېرىكا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئىرانغا پۇل-مۇئامىلە، مېتال، كان مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەسىدىن باشقا بىر يۈرۈش جازالارنى قايتا يۈرگۈزدى.

 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 8-ئاۋغۇست: رۇسيەنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى سىكرىپال ئەنگلىيەدە زەھەرلەنگەنلىكى ۋەقەسى سەۋەبلىك، رۇسىيەنى تۈركۈم بويىچە جازالايمىز، دەپ جاكارلىدى. ئامېرىكا ئەمەلدارى: رۇسىيەنىڭ بارلىق كارخانىلىرى دېگۈدەك جازانىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، دېدى.

 

10-ئاۋغۇست رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇبلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 66.28:1 بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن %4.2 چۈشۈپ كەتكەن؛ رۇبلىنىڭ ياۋروغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 76.82:1 بولۇپ، %4 چۈشۈپ كەتكەن.

 

ئامېرىكا كونا رەقىبلىرىگە زەربە بەرگەندىن كېيىن، جازا كالتىكىنى يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەگە قاراتتى. ئامېرىكا تۈركىيە دائىرلىرى ئامېرىكىلىق باستېرنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى دەپ، 8-ئاۋغۇستتىن تارتىپ تۈركىيەگە كەينى-كەينىدىن بىر قانچە تۈرلۈك جازا يۈرگۈزدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن تۈركىيە لىراسىغا يەنە ئېغىر زەربە بولدى. لىرانىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 10-ئاۋغۇست بىر كۈندىلا %17 چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان لىرانىڭ كۇرسى %40 تىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى.

 

ئىران، رۇسىيە، تۈركىيە ھە دەپ دېۋەيلەپ كەلگەن جازاغا قارىتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، جازاغا قارشى تەدبىر قوللىنىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن قارشى تەدبىرلەرنى قوللاندى.

 

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىران مەركىزىي بانكىسى 7-ئاۋغۇستتىن تارتىپ بىر يۈرۈش تاشقى پېرېۋوتنى بوشىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. ئىران مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى خەمىد: باشقۇرۇلىدىغان تۇراقسىز پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز پۇلىمىزنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تىرەك بولۇش ئۈچۈن كۆپلەپ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىمىز، دېدى.

 

رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف 10-ئاۋغۇست ئاگاھلاندۇرۇپ: ئامېرىكا رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن يېڭى جازانى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە «ئىقتىساد ئۇرۇشى» ئېلان قىلغانلىقى دەپ قاراپ، كۆپ تەرەپلەردىن تەدبىر قوللىنىپ ئىنكاس قايتۇرىمىز، دېدى. رۇسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى سىلۇئانوف 12-ئاۋغۇست: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ پاي چېكىنى يەنىمۇ ئازايتىدۇ، دېدى.

 

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادتىكى داۋالغۇش ئىقتىسادنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى «ھۇجۇم»غا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 15-ئاۋغۇست: گۈرۈچ، تاماكا، ئاپتوموبىل، ھاراق، كۆمۈر، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىمىز، دەپ جاكارلىدى.

 

ئىران، رۇسىيە، تۈركىيە تاشقى بېسىمغا قارىتا ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلمىدى، بەلكى ھەمكارلىشىش، ھەم تۈرتكە بولۇش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىشىپ ئىش كۆرۈش پۇرسىتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

 

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئىرانغا قايتا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن: ئىران بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن قوغدايمىز، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەرەپلەر بىلەن بىللە ئىران بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، دەپ جاكارلىدى.

 

ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئانمۇ: ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن «ئورنىنى ئالالايدىغان تەرەپلەر» بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف 11-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى جازالاش ۋە بوزەك قىلىش «خۇمارى»نى تۈگىتىشى كېرەك، ئىران تۈركىيەنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ، دېدى.

 

تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 14-ئاۋغۇست ئەنقەرەدە كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ جازلاش قىلمىشىنى بىرلىكتە تەنقىدلىدى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىمىز، دەپ تەكىتلىدى.

 

لاۋروف: ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى جازالىشى رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا توسالغۇ بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپلىك سودىدا ئۆز پۇللىرى بىلەن چىقىم قىلىشنى كېڭىشىۋاتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

 

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئىتتىپاقدىشى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئېلىشىشى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەمدە ئالاقىدار ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دېيىلدى.