UYNTV

تىرامپ: كىم جۇڭئۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-08-2018 17:00

A-A+

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 20-ئاۋغۇست: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن دېدى.

تىرامپ رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يادرو سىنىقىنى توختاتتى، مەن چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇ يەنە: كىم جۇڭئۇن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى دېدى.

تىرامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ۋاقىت ۋە ئورۇن ھەققىدە كونكرېت ئىزاھات بەرمىدى.