UYNTV

ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىر سايلىمىنى 20-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈش بېكىتىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-08-2018 16:54

A-A+

ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 21-ئاۋغۇست لىدىر سايلىمىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ 7-سېنتەبىر لىدىر سايلىمى رىقابىتى ئاخباراتىنى ئېلان قىلىش، 20-سېنتەبىر لىدىر سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشنى بېكىتتى.

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىر سايلىمى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، لىدىر مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە يەرلىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىرلىق مۇددىتى 30-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ. 2015-يىلى ئابې شىنزو ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ قوللىشى ئارقىلىق ئاۋاز بېرىشتىن ئۆتمەيلا ئۆزلۈكىدىن ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، بۇ قېتىمقى سايلام ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 2012-يىلىدىن بۇيان ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى لىدىر سايلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئە..08-16

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش ساداسىنى بىرلى..08-01

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىسى: سودا جېڭى ئامېرىكا ئىقتىس..08-01

ياپونىيە قازا قىلغان جۇڭگولۇق ۋە ياپونىيەلىك ئىشلەمچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش ي..07-30

شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ رامافۇسا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش ۋە جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا دېپ..07-26

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو جۇڭگو ياپونىيە ئۆسمۈر ئەلچىلىرىنىڭ دوستلۇق..07-18

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈش..06-21

چاڭجياڭ دېلتىسى ئۆلكە شەھەردىن ھالقىغان يۇغۇرۇلما يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيە..06-20

جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى تىر..05-14

لى كېچياڭ توكيوغا باردى، ئۇ 7-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغى..05-10